ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ كالتە چاچنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ سەۋەبى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 16945:ئادەم ئۆگەندى
   ھەممە ئايال كىشى گۈزەللىكنى سۆيىدۇ ھەمدە بىر ئۆمۈر گۈزەللىكنى قوغلىشىپ ئۆتىدۇ؛ بىراق، گۈزەللىكنى قوغلىشىش ياش ئايرىمايدىغان بولۇپ، مەيلى ئون نەچچە ياش بولسۇن ياكى 50-40ياشقا كىرگەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ. بولۇپمۇ چاچ پاسونى جەھەتتە، مودا ئېقىمىغا تېخىمۇ بەكرەك ئەگىشىدۇ. شۇڭا بىز ئادەتتە، ئەتراپىمىزدىكى ئوتتۇرا ياشلىقق ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ، ئادەمنى جەزبىدار كۆرسىتىدىغان كالتە چاچ قويۇۋالغانلىقىنى بايقىيالايمىز. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەبى بار.
كالتە چاچنى كۈندىلىك بىتەرەپ قىلىش تېخىمۇ ئاسان
   ياشقا چوڭۇپ قالغان بەزى ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلار بۇ ياش مەزگىلىدە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىگە چۈشۈپ قالىدىغان بولۇپ، ئائىلە ۋە خىزمەت بېسىمى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ؛ شۇڭا، ئۇلار كىچىك قىزلارغا ئوخشاش گىرىم ۋە چاچ پاسونى ئۈستىدە ئۇنچە بەك كۆپ زېھىنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ بولالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، كالتە چاچنىڭ بىتەرەپ قىلىش ئاسان بولۇشتەك ئەۋزەللىكى گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ؛ بولۇپمۇ ئادەتتە ئالدىراش ئۆتىدىغان ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلار كۆپىنچىسى كالتە چاچ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كالتە چاچ پاسونى ھەر ۋاقىت مودىدىن قالمايدۇ؛ شۇڭا كالتە چاچ پاسونى، ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ئاياللارغا نىسبەتەن يامان ئەمەس تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
كالتە چاچتا چاچ چۈشۈشنى ئازايتقىلى بولىدۇ
   ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بەدەن ئورگانىزىمىزنىڭ ھەر قايسى ئىقتىدارلىرى چېكىنىشكە باشلايدىغان بولۇپ، يۈز قىسىم تېرىسىدە مەسىلە كۆرۈلۈپلا قالماي، چاچ چۈشۈشمۇ بارغانسېرى ئېغىرلايدۇ ھەمدە چاچلىرى ئازلاپ، پاقىراقلىقى ۋە چاچ سۈپىتى ئىلگىرىكىگە يەتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر يەنە ئۇزۇن چاچ قويۇۋالسا، چاچ قۇرغاقلىشىدىغان، ياكى چاك ئېچىلىپ قالىدىغان قاتارلىق سۈپەت مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ.
   شۇڭا ئۇزۇن ۋە كالتە چاچنى سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ياشلىق پىشىپ يېتىلگەن ئاياللارغا قارىتا، كالتە چاچ تېخىمۇ بەكرەك ماس كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە كالتە چاچ قويغاندا، چاچ قوبۇل قىلىدىغان ئۇزۇقلۇقلار نىسبەتەن يىتەرلىك بولۇپ، چاچ چۈشۈشنى ياخشىلايدۇ ھەمدە ئۇلارنى تېخىمۇ جەزبىدار كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، چاچنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشى، چېچىنى تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىدۇ.
كالتە چاچ ئادەمنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ
   ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلار كۆپىنچە ئاددىي ھەم پاكىزە كۆرۈنىدىغان چاچ پاسونىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، كالتە چاچ ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، كالتە چاچ ئادەمنى ناھايىتى جەزبىدار كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە يېشىنىمۇ كىچىك كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن چاچ قويسا، كىشىلەرگە بىر خىل روھى سۇلغۇن تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر چېچىنى بوغۇۋالمىسا ئوبرازىغا تەسىر يىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار كۆپىنچىسى كالتە چاچ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号