قارا شېكەر ئارقىلىق تېرىڭىزنى ئاقارتىڭ ۋە ئون ياش ياشىرىۋىلىڭ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 17682:ئادەم ئۆگەندى
   ئاياللارغا نىسبەتەن، داغ-سەپكۈندىن باشقا ئۇلارنى تېخىمۇ بەك بىئارام قىلىدىغان ئىش بولمىسا كېرەك. ئۇلار ۋاقىت ۋە ياش چەكلىمىسى ئايرىمايدۇ، يۈزلىرىمىزدە خالىغانچە ئۆسۈپ، ئەسلىدىكى ئاپئاق چىرايىڭىزنى ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئوخشىتىپ قويىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر، يۈزىدىكى داغ سەپكۈنلەرنى تېز سۈرئەتتە يوقىتىشنى ئويلايدۇ، ئەمما ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تاپالمايدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قارا شېكەردىن پايدىلىنىپ تېرىدىكى داغ سەپكۈنلەرنى يوقىتىش ۋە تېرىنى ئاقارتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، قار شېكەرنىڭ قان ماغدۇر تولۇقلاش، ئۆت ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش، قاننى جانلاندۇرۇپ بەلغەم بوشىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە بولۇپ، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار ۋە قان ئازلارنىڭ ئېستىمال قىلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قارا شېكەرنى باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. قارا شېكەرنىڭ يەنە تېرىنى ئاقارتىپ داغ سەپكۈننى سۇسلاشتۇرۇش، تىرىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ ۋە نەملىك يەتكۈزۈش، ھەيىزنى تەڭشەش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
   بۇندىن باشقا، قارا شېكەر تەركىبىدىكى مىنرالنى ماددىلار، ۋىتامىنلار، ئامىنو كسىلاتالىرى قاتارلىقلار مول بولۇپ، تېرىنى پاقىراق ھەم يۇمران قىلىپلا قالماي، يەنە تېرىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر ئۆڭۈپ سارغىيىپ قالغان تېرە رەڭگىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، يۈزىڭىزدىكى داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇراي دېسىڭىز، ئۇنداقتا قارا شېكەرنىڭ تۆۋەندىكى ئىستېمال ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىڭ!
   بىرىنچى بولۇپ تۇنۇشتۇرىدىغان ئۇسۇلىمىز، قارا شېكەر بىلەن ھەسەلنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شېكەرگە ئىككى قوشۇق ھەسەل قوشقاندىن كېيىن، تەكشى قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئۇنى يۈزىمىزگە تەكشى سۇۋاپ چىققاندىن كېيىن، قولىمىزدا يىنىك بېسىپ ئۇۋۇلاپ بىرىمىز، ئون مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ يۇۋەتسەك بولىدۇ. قارا شېكەر ھەسەل يۈز چاپلىقىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئىسسىق لۆڭگىنى يۈزىڭىزگە 2مىنۇت چاپلاپ، يۈز قىسىمىڭىزدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىنى ئېچىلدۇرسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
   ھەسەلنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان باكتىرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ، تېرە يۈز قەۋىتىدىكى ۋە تۈك تۆشۈكچىلىرىدىكى باكتېرىيەلەرنى تازىلايدۇ ھەمدە تۈك تۆشۈكچىلىرىنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ. پەقەت تۈك تۆشۈكچىلىرىنى راۋانلاشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ھالدا ھۈجەيرىلەرگە ئۇزۇقلۇق تولۇقلىيالايدۇ.
   ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بولسا، قارا شېكەر بىلەن كالا سۈتىنى قوشۇپ ئىشلىتىش بولۇپ، قارا شېكەردىن 300گىرام تەييارلاپ، ئىسسىق سۇ بىلەن قارا شېكەرنى ئىرىتىمىز، كەينىدىن مۇۋاپىق مىقداردا كالا سۈتى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ يۈزىمىزنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، قارا شېكەر كالا سۈتى ئارىلاشمىسىنى يۈزىمىزگە سۇۋاپ، 15 مىنۇت قويغاندىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرىۋەتسەكلا بولىدۇ. ھەر ھەپتىكىدە ئىككى قېتىم ئىشلىتىپ بەرسەك، يۈز قىسىمدىكى قارا رەڭ ماددىلىرىنى سۇسلاشتۇرۇپ، تېرىمىزنى تېخىمۇ ئاق ھەم يۇمران قىلىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号