ئىسسىق ياز كۈنىدە، نۇرغۇنلىغان قىزلار ئاق ھەم يۇمران تېرىسىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ؛ لېكىن، قانداق قىلغاندا كۆپ چىقىم قىلماستىنلا ئاق ھەم يۇمران تېرىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىرەر بىخەتەر، ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بارمۇ يوق؟ بۈگۈن كۆپچىلىككە، كۆپ چىقىم كەتمەيدىغان تېرە ئاقارتىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
يۈز چاپلىقى چاپلاش
بازاردا ھەر خىل چاپلاقلار بار، ھەر خىل چاپلاقلارنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ ئەگەر سىز تېرىڭىزنى ئاق قىلىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئىگە يۈز چاپلىقىنى تاللاپ سېتىۋىلىشىڭىز كېرەك؛ بۇندىن باشقا، يۈز چاپلىقى تاللىغاندا قارىغۇلارچە تاللىماستىن، ئادەتتە بەك كۆپ ئېلان بىرىپ كەتمەيدىغان چاپلاق تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ياكى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن يۈز چاپلاقلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى چىقىدۇ.

لىمون سۈيى
لىمون تەركىبىدە ۋىتامىن Cنىڭ ئىنتايىن مول ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ۋىتامىن C بولسا، تېرە ئاقارتىشقا ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنداقتا لىمون سۈيىنى قانداق تەييارلاش كېرەك؟
ئەمەلىيەتتە، لىمون سۈيى تەييارلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي. ئالدى بىلەن لىموندىن بىرنى تەييارلاپ، نېپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ ئادەتتە ئىككى ئۈچ پارچە ئىشلەتسەكلا بولىدۇ، ھەممىنى ئىشلەتسەك بەك چۈچۈمەل بولۇپ كىتىپ ئىچەلمەي قالىمىز. كەينىدىن لىموننى ئىستاكانغا سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا سوغۇق سۇ قۇيۇپ ئىستېمال قىلساقلا بولىدۇ. ھەر كۈنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىپ بەرسەك، تېرە ئاقارتىش رولىنى ئويناپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاش ئۈنۈمىمۇ كۆرسىتىدۇ.

تۇخۇم ئېقى بىلەن كالا سۈتى
ئالدى بىلەن بىر قاپ سۈت تەييارلاپ، ئەينەك قاچىغا قۇيۇۋالىمىز؛ كەينىدىن تۇخۇمدىن بىرنى چېقىپ، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن سېىغىنى ئايرىغاندىن كېيىن، تۇخۇمنىڭ ئېقىنى كالا سۈتى ئۈستىگە قۇيۇپ قوشۇق بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن يۈزىمىزنى يۇيىمىز. ئاخىرىدا يۈزىمىزنى سۇ بىلەن قايتا بىر قېتىم يۇيۇپ چايقىۋەتسەكلا بولىدۇ.
كالا سۈتى بىلەن تۇخۇم ئېقىنىڭ يەنە بىر خىل ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى، يۈز چاپلىقى تەييارلاپ ئىشلىتىش بولۇپ، كىتەرلىك ماتېرىيال ئالدىدىكىگە ئوخشاش؛ تۇخۇم ئېقى بىلەن كالا سۈتىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، تازا قوچۇپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىلىپ يۈزىمىزگە چاپلاق ئورنىدا سۇۋاپ بىرىمىز؛ سۇۋاپ 15 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يۈزىمىزنى يۇۋىتىپ، قولىمىزدا يۈزىمىزنى يىنىك ئۇرۇپ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەرسەك ھەم كەينىدىن ئازراق يۈز مېيى سۇۋۇۋالساقلا بولىدۇ.