ئاياللارنى ياشلىق ھالىتىنى ساقلاشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 17022:قېتىم كورۇلدى
   ھازىرقى زامان ئاياللىرى، گۈزەل چىرايغا تەلۋىلەرچە ئىنتىلىدۇ؛ نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كۈتۈنۈشكە بارغانسېرى ئەھمىيەت بىرىشى، چىرايىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئۈچۈندۇر. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بىرىشى، ئاساسلىقى يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنداقتا، قايسى خىل يېمەكلىكلەر، قېرىشنى ئاستىلىتىپ، ياشلىق ھالىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
سەۋزە
   سەۋزە تەركىبىدە، چىراي گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق ئىككى خىل ماددا بار؛ ئۇ بولسىمۇ، ۋىتامىن A ۋە كاروتىن ماددىسى. ئىلىم پەن تەتقىقاتلىرىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ۋىتامىن A ئادەمنىڭ چېچىنىڭ پاقىراقلىقىنى ساقلاپ، تېرىنى يۇمران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن؛ كاروتىن ماددىسى بولسا، ئادەمنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەركىن رادىكاللارنى ئۈنۈملۈك ھالدا تازىلايدۇ، ھەتتا بەلگىلىك دەرىجىدە راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، كاروتىننىڭ تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى.
تەرخەمەك
   تەرخەمەك، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاياللارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سۇ تەركىبى ئىنتايىن مول؛ تەرخەمەكنى مەيلى سىرتتىن ئىشلىتەيلى ياكى ئىستېمال قىلايلى، ئاياللارنىڭ بەدىنىگە ئۈنۈملۈك ھالدا سۇ تەركىبى تولۇقلايدۇ. تەرخەمەك تەركىبىدىكى مول بولغان ۋىتامىن E ماددىسى، ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ قېرىپ كېتىشكە قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، تەرخەمەك تەركىبىدە، تەرخەمەك ئىنىزىمى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىققا ئىگە، شۇڭا ئادەم بەدىنى مىتابولىزىمىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلايدۇ.
چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى
   نۇرغۇن كىشىلەر، چوڭقۇر دېڭىزدىن چىققان بېلىقلار، ئادەم بەدىنىگە بەك كۆپ تۇز تەركىبى ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك تەن ساغلاملىققا ۋە بەدەننىڭ كىسلاتا ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، چوڭقۇر دېڭىز بېلىقىنى ئىستېمال قىلغاندا، ئادەمنىڭ تېرىسىنى ياش ھالەتتە ساقلاش ۋە تېرىگە نەملىك يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. چوڭقۇر دېڭىز بېلىقىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىپ كېتىشىنى تېزلىتىدىغان ئەركىن رادىكاللارنى ئۈنۈملۈك ھالدا يوقىتىپ، بەدەندىكى تېرە ئورگانىزىملىرىنىڭ قېرىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىدۇ.
ھەسەل
   شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، ھەسەل، ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئىنتايىن چوڭ بىر سوۋغىسى بولۇپ، ھەسەلنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى قوغداش رولىنى ئوينىيالايدۇ. بۇندىن باشقا، ئىلىم پەن تەتقىقاتلىرىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەسەل يەنە ئادەم بەدىنىدىكى قانلارنى تازىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ھەر خىل يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەسەل يەنە تېرە ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئۇزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ، تېرە يۈز قىسىمدىكى باكتېرىيە ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق تېرىدە يېغىلىپ قالغان رەڭ ماددىلىرى چۆكمىلىرىنى يوقىتىدۇ.
 

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئەرلەرنىڭ ئىزچىل قەدىرلىشىگە ئىرىشكەن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەر كىشى تەرەپىدىن بىر ئۆمۈر قەدىرلىنىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئايال كىشى بولمىسا كىرەك. ئۇنداقتا، زادى قانداق ئاي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号