ياڭيۇغا بۇنى قوشۇپ سۈرسىڭىز، يۈزىڭىزدىكى داغلار تېزلا يوقايدۇ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13990:ئادەم ئۆگەندى
   گۈزەللىكنى سۆيۈش، ئاياللارنىڭ تەبىئىتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقىدەك "چىرايىغا قارايدىغان" دەۋردە، كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ چىرايىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىز توختىماستىن ھەر خىل تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىمىز، لېكىن بىزنىڭ تېرىمىز يەنىلا يىللارنىڭ چىرىتىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ. يېشىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ۋە ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ تېرە رەڭگىمىز ئۆڭۈپ نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ھەر خىل داغ سەپكۈنلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بىزگە نىسبەتەن، بىر مەيدان "قاباھەتلىك چۈش" بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   داغ سەپكۈنگە كەلسەك، ھەممە ئادەم بۇنىڭدىن بىزار؛ چۈنكى داغ سەپكۈن، بىزنىڭ سىرتقى ئوبرازىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك چارە قوللانمىساق، ئەكسىچە بارغانسېرى كۆپىيىپ، ۋاقتى كەلگەندە ھەل قىلماق تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. ئۇنداقتا، يۈزىمىزدە داغ سەپكۈنلەر پەيدا بولسا ئۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
   ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي؛ كىتەرلىك ماتېرىيال بولسا، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ياڭيۇ ۋە كالا سۈتى. بۇ ئۇسۇل ئاڭلىماققا ناھايىتى ئاددىيدەك، تازا ئىشەنچىلىك ئەمەستەك بىلىنىدۇ؛ لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تېرە ئاسراش ئۈنۈمى، سىز ئويلاپ يىتەلمەيدىغان دەرىجىدە ياخشى. ياڭيۇ تەركىبىدە مول كىراخمال بار، كىراخمال بولسا تېرىنىڭ "قوغدىغۇچىسى" بولۇپ، تېرە مۈڭگۈز قەۋىتىنى قوغداپلا قالماي، يەنە تېرىدىكى سۇ تەركىبلىرىنى قوۇلۇپلاپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ۋىتامىنلار بار بولۇپ، تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىدىكى قارا رەڭ ماددىلىرىنى مىتابولىزىملاپ پارچىلايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق تېرىدىكى داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرۇپ، تېرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.
   بىراق، پەقەت ياڭيۇلا ئىشلەتسەك، ئۈنۈمى بىر خىللا بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا كالا سۈتىنى قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەك. كالا سۈتى تەركىبىدە سۈت ياغلىرى، ۋىتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، تەبىئىي نەملىك ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە، تېرىنىڭ ئۇزۇقلۇق ھالىتىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ياخشىلايدۇ ھەمدە زەخىمگە ئۇچرىغان تېرىلەرنى ياخشىلاپ، تېرىنى تېخىمۇ ئاق ۋە يۇمران قىلىدۇ. شۇڭا، كالا سۈتى بىلەن ياڭيۇنى قوشۇپ ئىشلەتسەك، تېرە ئاسراش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
   تۆۋەندە كونكرېتنى ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى: ئالدى بىلەن، يېڭى ياڭيۇدىن بىرنى تەييارلاپ، پوستىنى ئاقلاپ قازانغا سېلىپ پىشۇرىمىز؛ كەينىدىن چىنىگە سېلىپ ئىزىپ لاي ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛ بۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئۈستىگە تەخمىنەن 20 مىللىلىتىر كالا سۈتى قوشىمىز. كالا سۈتىگە ئەڭ ياخشىسى ياغسىزلاندۇرۇلغان ياكى تۆۋەن ياغلىق كالا سۈتى ئىشلىتىش كېرەك؛ بۇنىڭدا تېرىنىڭ سۈمۈرۈشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، قوشۇق بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتسەك، تېرە ئاسراش يۈز چاپلىقى تەييار بولغان بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا، باشقا باسقۇچلار يۇقىرىدىكىگە ئوخشايدۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئازراق ئۇن قوشۇپ، چاپلاشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىمىز.
   ماتېرىيالنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، تەييار قىلغان چاپلاقنى يۈزىمىزگە چاپلاپ، تەخمىنەن 20-15 مىنۇت قويغاندىن كېيىن، يۈزىمىزنى ئىلمان سۇدا چايقىۋىتىپ، ئاخىرىقى باسقۇچلۇق ئاساسى تېرە ئاسراش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.
   كالا سۈتى بىلەن ياڭيۇ ھەر ئىككىسى يېمەكلىك دەرىجىلىك ماتېرىيال، شۇڭا بىخەتەر ھەم غىدىقلاش تەسىرى يوق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قانداق تېرىگە ماس كېلىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك خاتىرجەم ئىشلەتسەك بولىدۇ. لېكىن، بىر ئىككى قېتىم سۈرۈپلا توختاپ قالماي، بىر ھەپتىدە 4-3 قېتىم سۈرۈپ بەرسەك، يېرىم ئايدىن كېيىن، چىرايىمىزدىكى داغ سەپكۈنلەرنىڭ سۇسلاپ، تېرىمىزنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号