كۆزلىرى چوڭ بولۇش، قەدىمدىن تارتىپ چىرايلىق بولۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنىڭ بىرى؛ ئەمەلىيەتتە، كۆزلىرى چوڭ بولۇش، يەنە ھېسسىياتلىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. گىرىم جەھەتتە، ئاسانلىقچە قاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان مىتال رەڭ سىستېمىسىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپمۇ، ھېسىسىياتى سىرتىغا ئۇرۇپ تۇرىدىغان گىرىم قىلغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، كۈندىلىك گىرىم قىلغاندا، ئۇماق ۋە لاتاپەتلىك كۆرۈنىدىغان ئۇسلۇبتىن باشقا، پىشىپ-يىتىلگەن خانىم قىزلار، يەنە ھېسسىياتچان كۆرۈنىدىغان ئۇسلۇبتا گىرىم قىلساقمۇ بولىدۇ. بىراق، ھېسسىياتچان كۆرۈنىدىغان ئۇسلۇپتا گىرىم قىلىش، قېنىق گىرىم قىلىش دېگەنلىك ئەمەس؛ بەلكى، مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، گىرىمىمىزنى تېخىمۇ مۇلايىم ھەم ھېسسىياتچان كۆرۈنىدىغان قىلساقلا بولىدۇ.
بىرىنچى قەدەم: چېچىمىزنىڭ رەڭگىدىن بىر دەرىجە قېنىق رەڭدە بولغان قاش ئۇپىسىدا قېشىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىنى سىزىپ، قېشىمىزنىڭ دائىرىسىنى سىزىپ چىقىمىز؛ كەينىدىن، قاشنىڭ ئالدى تەرىپىنى ئازراق قېنىقلاشتۇرساق، قېشىمىزنى بەك قۇيۇق كۆرسىتىپ قويۇشتىن ساقلىنالايمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە: مىتال رەڭنى قاملاشتۇرماق تەس بولسىمۇ، ئەمما مەرۋايىت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان مىتال رەڭ، كۆزلىرىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ. قاپاق رەڭ چوتكىسى بىلەن، قاپاق رەڭنى بويلاپ كىرپىكلىرىمىزنى ئۈستى تەرەپكە قارىتىپ كۆتۈرۈپ، قاپاق رەڭ بىلەن تەگ گىرىمنىڭ قاتلىمىنى گەۋدىلەندۈرىمىز.
ئۈچىنچى قەدەمدە: قارامتۇل قۇڭۇر رەڭ قاپاق رەڭگى بىلەن، كىرپىكىمىز ئۈستىدە بىر سىزىق سىزىمىز؛ قارامتۇل قوڭۇر رەڭ، كۆرۈش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان مىتال رەڭنى نىتراللاشتۇرالايدىغان بولۇپ، كۆزلىرىڭىزدىكى مۇلايىملىق تۇيغۇسى ئاشىدۇ.
تۆتىنچى قەدەمدە: كۆز ئىچكى بۇرجىكىگە قاپاق رەڭ سىزىمىز، كۆزنىڭ ئىچكى بۇرجىكىدىن باشلاپ، كىرپىكىمىزنى بويلاپ كۆز قۇيرۇقى تەرەپكە سوزىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق كۆزنىڭ ئىچكى قۇيرۇقىنى پاقىرىتىپ، كۆز تەبىئىي ھالدا چوڭ كۆرۈنىدىغان ئۈنمگە ئىرىشەلەيمىز.
بەشىنچى قەدەمدە: مەڭزىمىزنى قىزارتىشتا، ئۇچۇق رەڭنى سۇسراق سۇۋاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. يۈزىمىزنىڭ يان تەرىپدىن ئاستىغا قاراپ بوش سۇۋاپ بەرسەك، چىرايىمىزنى نۇرلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، چىراي شەكلىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.
ئالتىنچى قەدەمدە: كۆز گىرىمىنىڭ كۆرۈش سىزىمى تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، كالپۇك گىرىمىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى كۆزىمىزگە قاراتساق بولىدۇ. ئۇچۇق ھال رەڭلىك لەۋ سۇرۇخى سۇۋىساق، كالپۇكنىڭ سىترىئولۇق تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号