ئاياللار بۇ مىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا ياخشى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13669:ئادەم ئۆگەندى

  مىۋىلەرگە ھەممە ئايال كىشى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. لېكىن، سىز ئۆزىڭىز ئىستېمال قىلغان مىۋىلەرنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى بىلەمسىز؟

  مايمۇن شاپتۇلى

  مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. لېكىن ئۇنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، ئاشقازان ئۆت سۇغۇقچان كىشىلەر كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

  لىمون

  لىمون، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى ۋىتامىن C ۋە كالتسىي ماددىسى، تېرىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، تېرە ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.

  ھەر كۈنى بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچسىڭىز، سۈتتەك ئاق تېرىگە ئىرىشىش تەسكە توختىمايدۇ.

  شېكەر يالىتىلغان لىموننىڭ تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى. لىمون پارچىسىغا شېكەر يالىتىپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ يېرىم سائەت قويغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسىڭىز، تەمى تېخىمۇ ياخشى.

  ئالما

  ئالما تەركىبىدىكى ئاقسىللار ۋە مىنرالنى ماددىلار، تېرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ ھەم تېرىنى ئاق قىلىدۇ.

  ئالمىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈز قىسىمدىكى سەپكۈن ۋە داغلارنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  ئالمىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، يۈزىمىزگە بىۋاستە چاپلاپ بەرسەك، تەبىئىي ئالما چاپلىقى چاپلىغان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

  بۆلجۈرگەن

  بۆلجۈرگەن تەركىبىدە كۆپ خىل مىۋە كىسلاتالىرى، ۋىتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار بار بولۇپ، تېرىنى ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى ئاقارتىش ۋە تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

  گىلاس

  گىلاسنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى ۋىتامىن C، تېرىگە نەملىك يەتكۈزۈپ، قارا رەڭ ماددىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.

  گىلاس تەركىبىدە يەنە تۆمۈر ماددىسىمۇ مول بولۇپ، رەڭگى روھىمىزنى ياخشىلاپ، چىرايىمىزنى قىزىللاشتۇرىدۇ.

  شوخلا

  شوخلا تەركىبىدىمۇ ۋىتامىن C مول بولۇپ، داغ يوقىتىش ۋە تېرە ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.

  شوخلىنى خام ئىستېمال قىلغاندا، تېرە تېخىمۇ كۆپ ئۇزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ، ئاقارتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

  ئاناناس(菠萝)

  ئاناناس تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار، يۈز قىسىمدىكى داغلارنى سۇسلاشتۇرۇپ، سىزنى ساغلام تېرە رەڭگىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号