بالىياتقۇ سۇۋۇپ كەتسە نېمىلەرنى يەپ تەڭشەش كېرەك
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13929:ئادەم ئۆگەندى
   بالىياتقۇ سۇۋۇپ كېتىش، ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، ئاياللارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىياتقۇ سۇۋۇپ كېتىش كۆرۈلسە، بەدەن ساپاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ، كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئۇنداقتا، ئاياللاردا بالىياتقۇ سۇۋۇپ كېتىش كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ قايسى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، بالىياتقۇ سۇۋۇشنى ياخشىلاشقا بولىدۇ؟
قىزىل پۇرچاق(红豆)
   قىزىل پۇرچاقنىڭ بالىياتقۇ سۇۋۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى. قىزىل پۇرچاقنىڭ، بەدەنگە قۇۋۋەپ ماغدۇر يەتكۈزۈش، ئاشقازان ئۆتنى ياخشىلاش، ھۆللۈكنى يوقىتىپ سۈيدۈك ھەيدەش، يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللاردىكى سۈتنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. بۇندىن باشقا، قىزىل پۇرچاق تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ئاقسىل ۋە كۆپ خىل مىنرالنى ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى ياخشى.
زاراڭزا(红花)
   زاراڭزا، ئاياللارغا نىسبەتەن يامان ئەمەس داۋالاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدىغان يېمەكلىك. لېكىن بىزنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، زاراڭزا بىلەن زەپەرنىڭ(藏红花) پەرقى بار؛ زەپەرنىڭ دورىلىق ئۈنۈمى زاراڭزىغا قارىغاندا كۈچلۈك، لېكىن زەپەرنىڭ پەقەت قاننى جانلاندۇرۇشلا ئۈنۈمى بار، زاراڭزىنىڭ رولى بولسا كۆپ خىل.
   زاراڭزىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، جىڭلولارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىش رولى بار؛ ئادەتتە، ھەيىز توختاپ قېلىش، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىقلارغا قارىتا داۋالاپ ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىلىدۇ.
ئۈجمە قېقى(桑葚干)
   ئۈجمە قېقى، ھازىرقى مىۋە-چىۋە ۋە مىۋە-چىۋىلەردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى تۆمۈر تەركىبى ئەڭ مول يېمەكلىك بولۇپ، ھەر 100گىرام ئۈجمە قېقى تەركىبىدە 42.5 مىللىگىرام تۆمۈر ماددىسى بار؛ بۇ سەۋەبلىك، ئۈجمە قېقى "قان تولۇقلاش مىۋىسى" دەپ نام ئالغان. ئادەتتە، ئۈجمە قېقىدا شورۋىگۈرۈچ تەييارلاپ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
داڭگۇي(当归)
   داڭگۇي، جۇڭگۇ تىبابەت دورىلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنى ئاياللار كېسەللىكىنى ياخشىلاشتا ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە ئۈچەينى سىلىقلاش، راكقا قارشى تۇرۇش، ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگىمۇ ئىگە.
ئالقات(枸杞)
   ئالقاتنىڭ گەرچە قۇۋۋەتلەش ۋە داۋالاش ئۈنۈمى بار بولسىمۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ بەدەنگە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، زۇكامداپ قىزىپ قالغان، بەدەندە ياللۇغ بار ۋە ئىچى سۈرۈپ قالغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
 

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号