ھەر بىر قىز بالا گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇملۇقكى، ياخشى چىراي قىممىتىگە ئىگە بولىمىز دېسەك، تېرىمىز چوقۇم ياخشى بولۇشى كېرەك. بەلكىم سىزمۇ دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئادەتتە كورىيەچە تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەن ۋاقىتتا، كورىيەلىك ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ تېرىسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئاق كېلىدۇ؟ تۆۋەندە، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۇلارنىڭ تېرىسىنى ئاق ھەم ياخشى ساقلاپ قېلىشىدىكى سىرلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
گۈرۈچ يۇغان سۇ بىلەن يۈزىنى يۇيۇش
تېرىنى پاكىزلاش ئىنتايىن مۇھىم، كورىيەلىك ئاياللار ھەمىشە گۈرۈچ يۇغان سۇ بىلەن يۈزىنى يۇيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەپتىدە 2-1 قېتىم يۇيىدۇ. گۈرۈچ يۇغان سۇدا يۈزنى يۇيۇپلا قىلماي، يەنە چاچ يۇيۇشقا ۋە گۈل سۇغۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؛ بۇنىڭدا سىزنىڭ تېرىڭىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، چاچلىرىڭىز تېخىمۇ قارا، يالتىراق بولىدۇ. چۈنكى گۈرۈچ يۇغان سۇ، كىسلاتالىق ئىشقارلىق دەرىجىسىنى نىتراللاشتۇرۇپ، تېرىگە بولغان غىدىقلاشنى ئازايتىدۇ.

نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئاقارتىش مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئىشلىتىدۇ
خانىم قىزلار ئادەتتە بەزىبىر ئاقارتىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىمىز، بۇ ئارقىلىق تېرىمىزنى تېخىمۇ ئاق بولسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمىز؛ لېكىن، كورىيەلىك ئاياللار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاقارتىشقا ئەمەس بەلكى نەملىك ساقلاشقا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ. چۈنكى، پەقەت نەملىك ساقلاش خىزمىتى ياخشى بولغاندىلا، تېرىمىز ئاندىن تېخىمۇ پاقىراق ھەم يۇمران بولىدۇ. نەملىك ساقلاش، تېرىنى ئاقارتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئادەتتە نەملىك ساقلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىپ، ئاقارتىش مەھسۇلاتلىرىنى قالمايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

ئەكىس تەسىرى يوق گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىدۇ
ھازىر گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپچىلىك كورىيەنىڭ گىرىم مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى، كورىيەنىڭ گىرىم مەھسۇلاتلىرى، باھاسى نىسبەتەن ئەرزان، ئۈنۈمىمۇ يامان ئەمەس. لېكىن، كورىيەلىك ئاياللار گىرىم بۇيۇملىرى تاللىغاندا، گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدە قوشۇندى ماددىلار ئازراق بولغان، ئەكىس تەسىرى يوق گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاشقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. بۇنداق گىرىم بۇيۇملىرى تېرىگە غىدىقلاش تەسىرى كۆرسەتمەيدىغان ياكى ئىنتايىن ئاز تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەمىشە گىرىم قىلغان تەقدىردىمۇ، تېرىگە كۆپ زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
ھورداقخانىغا كۆپ بارىدۇ
ھورداققا كۆپرەك چۈشسەك، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تېز سۈرئەتتە چىقىرىپ تاشلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ياخشىلاپ، تېرە ئاسراشقا پايدىلىق بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا، كۆپچىلىك يەنە ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ؛ چېنىقىش جەريانىدا تېرىنىڭ ھالىتى ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.