بۇ شورپىنى بىر قېتىم ئىچسىڭىز بىر قاپ چاپلاق ئىشلەتكەنگە ئوخشاش
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13993:ئادەم ئۆگەندى
   ئايال كىشى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئاسراشقا تېگىشلىك "جانلىق" بولۇپ، نۇرغۇن ئاياللار ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن، بارلىق زېھىنىنى ئىرى بىلەن پەرزەنتلىرىگە قارىتىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنى سۆيۈشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؛ لېكىن ئۇلارنىڭ بىلمەيدىغىنى، ئايال كىشى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا، ئاندىن ئائىلىسىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئالالايدۇ.  بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تېرىنى ياخشىلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ئالما قېرىنقولاق شورپىسى
   ئاق قېرىنقولاقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۈچەينى تازىلاش، چىراينى گۈزەل قىلىش ئۈنۈمى بار.
   كىتەرلىك ماتېرىيالى: 20گىرام ئاق قېرىنقولاق، يېرىم ئالما، مۇۋاپىق مىقداردا ئالقات، ئالتە تال چىلان، 50گىرام ناۋات، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئاۋۋال ئاق قېرىنقولاق بىلەن ئالقاتنى سۇغا چىلاپ قويىمىز، چىلاننى يۇيۇپ پاكىزلايمىز.
   2. قۇم قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئاق قېرىنقولاقنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ ئون مىنۇت قاينىتىمىز. (ئاق قېرىنقولاق بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى 5:1 بولسا بولىدۇ).
   3. كەينىدىن ئالما بىلەن چىلاننى سېلىپ، ئوتتۇرا ياكى كىچىك ئوتتا 40مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، ئالقات بىلەن ناۋاتنى قوشۇپ يەنە 5مىنۇت قاينىتىمىز.
   4. ئاخىرىدا ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号