كالا سۈتى بىلەن بۇ قوشۇلسا تېرىڭىز ئاقىرىدۇ پۇل ئىقتىساد بولىدۇ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13928:ئادەم ئۆگەندى

   ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى "بىر ئاقلىق يۈز نۇقساننى ياپىدۇ، كىچىك بىر پارچە داغ بارلىق گۈزەللىكنى يوققا چىقىرىدۇ" دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باققان، بۇ بىر جۈملە سۆز ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان! ئەگەر ئايال كىشىنىڭ يۈزىدە داغ سەپكۈن پەيدا بولسا، چىراي قىممىتى شۇ ھامانلا تۆۋەنلەپ، كىيىم كېيسىمۇ ياراشمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، داغ سەپكۈننى يوقىتىش، ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاددىي بىر داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرۇپ يوقىتىش چارىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   بۇ چارە ناھايىتى ئاددىي، قىممەت باھالىق تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىش كەتمەيدۇ؛ تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان كالا سۈتى بىلەن باناننى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەكلا، تېرىنى ئاقارتىپ داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز. تۆۋەندە، بۇ چارىنىڭ كونكرېتنى ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى!
   ئاۋۋال چىنىدىن بىرنى تەييارلاپ، يېڭى باناندىن بىرنى پوستىنى سويىۋىتىپ توغراپ چىنىگە سالىمىز، كەينىدىن قۇشۇقتا ئىزىپ لاي ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛ كەينىدىن، بىر قوشۇق ئەتراپىدا كالا سۈتى قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز. بۇنىڭدا ئەڭ ياخشىسى ساپ كالا سۈتى ئىشلىتىش كېرەك، ساپ كالا سۈتى تېرىنى ئاقارتىپ داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. قوشۇق بىلەن چىنىدىكى ماتېرىياللارنى توختىماي قوچۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككىسىنى پۈتۈنلەي بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، چاپلاق ئورنىدا يۈزىمىزگە سۇۋاپ بەرسەك بولىدۇ.
   يۈزىمىزگە سۇۋاشنىڭ ئالدىدا، يۈزىمىزنى پاكىزە يۇيۇپ تازىلايمىز. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى، ئەگەر يۈزىڭىزدە گىرىم بار بولسا، چوقۇم كەسپى گىرىم يۇيۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ گىرىمىڭىزنى يۇيۇپ پاكىزلىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭدا ئاندىن ئۆزۈل-كىسىل پاكىزلىغىلى بولىدۇ. يۈزىمىزنى يۇيۇپ پاكىزلاپ بولغاندىن كېيىن، بىر قەۋەت تېرە ئاسراش سۈيى سۇۋايمىز، بۇنىڭدا تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇپ، يۈز تېرىمىزنىڭ چاپلاق تەركىبىدىكى ماددىلارنى سۈمۈرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى ۋە سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالدىدا كالا سۈتى بىلەن باناندا تەييارلىغان چاپلاقنى يۈزىمىزگە تەكشى سۇۋايمىز؛ سۇۋىغان ۋاقىتتا، كۆز ئەتراپى ۋە كالپۇك ئەتراپى قىسىمى قاتارلىق سەزگۈر ئورۇنلارغا سۇۋىماسلىق كېرەك؛ چاپلاقنى سۇۋاپ 20-15مىنۇت قويغاندىن كېيىن، ئىلمان سۇ بىلەن يۈزىڭىزنى يۇۋىتىپ، ئادەتتە قىلىدىغان كۈندىلىك تېرە ئاسراش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئۇخلىسىڭىز بولىدۇ.
   ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئاسراش قىلىپ، بۇنى ھەپتە داۋاملاشترۇسىڭىز، يۈز تېرىڭىزدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولۇپ، داغ سەپكۈنلەرنىڭ تەدرىجىي يوقاشقا باشلىغانلىقىنى، تېرىڭىزنىڭمۇ تېخىمۇ يۇمرانلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز.
   ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىمىز، بۇ ئۇسۇلدا تېرە ئاسراش قىلىش جەريانىدا، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، كىچىسى ئۇخلىمايدىغان ئادەتلەرنى تاشلاپ، بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرىدىغانغا ئادەتلىنىشىمىز لازىم.
 

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号