بۇ ئادەتلەردە چىڭ تۇرسىڭىز يۈزىڭىزدىكى قورۇقلار بارغانسېرى ئازلايدۇ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14363:ئادەم ئۆگەندى
   ئادەم بەلگىلىك ياشقا بېرىپ يەتكەندىن كېيىن، تېرىلىرىدە قورۇقچىلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ؛ بولۇپمۇ ئاياللار، كۆپ قىسىم ئاياللار 20ياشتىن كېيىن، كۆزىنىڭ قۇيرۇق قىسىملىرىدىن باشلاپ قورۇقچىلار كۆرۈلۈپ، تېرە ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ. لېكىن يەنە قارايدىغان بولساق، كىنولاردا چىقىدىغان بەزى چولپانلار 50ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ تېرىسى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولىدۇ، ئۇلار بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغان؟ ئەمەلىيەتتە، بىزمۇ كۈندىلىك ئاسراش قىلىشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرسەك، قېرىشقا قارشى تۇرۇپ، تېرىگە قورۇقچىلار چۈشۈشنى ئاستىلىتالايمىز.
يۈز قىسىمنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش
   يۈز قىسىمنى پاكىزە ساقلاش، ئاسراش قىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ، پەقەت تېرىمىز ۋە تۈك تۆشۈكچىلىرى پاكىزە بولغاندىلا، تېر ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ئاندىن تېرىگە تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلۈپ، ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلەيدۇ.
ئەتىگەن كەچتە كۆز مەلھىمى سۇۋاش
   ئادەمنىڭ ئەڭ تېز قېرىشقا باشلايدىغان قىسىمى، كۆز قىسىمدۇر؛ ئادەمنىڭ كۆز ئەتراپى قىسىمى ئەڭ ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا قورۇقچىلار پەيدا بولىدۇ، ئەگەر ھەمىشە كىچىسى ئۇخلىماي ئادەتلەنسەك، يەنە كۆز ئەتراپى قارىداپمۇ قالىدۇ. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر كۆز قىسىمغا ئاسراش قىلىشقا بەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. كۆز ئەتراپى كۆكىرىپ قېلىش، قورۇقچە چۈشۈش، قاپاق خالتىسى شەكىللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار، ئادەمنى تېخىمۇ قېرى كۆرسىتىپ قويىدىغان بولۇپ، شۇڭا ئەتىگەن كەچتە كۆز مەلھىمى سۇۋاپ، كۆز ئەتراپى تېرىسىگە ئاسراش قىلىشقا ئادەتلىنىشىمىز لازىم.
يۈز قىسىم نەملىكنى ساقلاپ تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   كۆز مەلھىمى سۇۋاپ بولغاندىن كېيىن، يۈز قىسىم تېرىلىرىمىزنى ئاسراشقا نۆۋەت كېلىدۇ. ئادەتتە، مەيلى سىرتقا چىقىشنىڭ ئالدىدا بولسۇن ياكى ئۇخلاش ئالدىدا بولسۇن، يۈزىمىزگە ماي سۇۋاپ، تېرە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇندىن باشقا، ھەپتىسىگە 3-2 قېتىم يۈز چاپلىقى چاپلاپ، تېرىگە چوڭقۇر قاتلاملىق نەم يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرمەك لازىم.
ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش
   ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ، تېرىمىزنى كۆيدۈرۈپ زەخىمگە ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە قېرىش سۈرئىتىنىمۇ تېزلەشتۈرۋىتىدۇ، تېرە سۈپىتىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، سىرتلارغا چىقماقچى بولغاندا، چوقۇم ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۇۋاپ چىقىش كېرەك.
   يۇقارقىلاردىن باشقا، تېرە ئاسراشتا بىز يەنە بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇش، ھەر كۈنى سۇنى كۆپرەك ئىچىش، كۆپرەك ھەرىكەتلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ، قېرىپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号