ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبىدىكى سۇس گىرىم قىلىش ماھارىتى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14576:ئادەم ئۆگەندى
   كۆز گىرىمىنىڭ قانداق بولۇشى، گىرىم ئۇسلۇبىڭىزنىڭ ئەكىس ئەتتۈرلۈشىگە ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەر خىل كۆز گىرىملىرىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل گىرىم ئۇسلۇبىڭىزنىڭ گەۋدىلەندۈرەلەيسىز؛ بۇ سەۋەبلىك ئوخشاش بولمىغان گىرىم ماھارەتلىرىنى ئىگەللىۋىلىشىڭىز لازىم بولىدۇ، چۈنكى ئوخشاش بولمىغان گىرىم ماھارەتلىرى سىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇپتىكى كۆز گىرىم جەلىپكارلىقىڭىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. باش كۈزدىكى گىرىم ئۇسلۇبى ۋە كۆز گىرىمىنىڭ تۈرى، كىچىك قىزلار تۇيغۇسى ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ماس كىلىدۇ؛ كۆز گىرىم ماھارەتلىرىدىن ياخشى پايدىلانسىڭىز، گىرىم ئۇسلۇبىڭىزنى پۈتۈنلەي ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبى تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالايسىز. تۆۋەندە بىز سىزنىڭ ھۇزۇرىڭىزغا ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبىدىكى سۇس گىرىم ماھارىتىنى سۇنىمىز، ياقتۇرغايسىز!
   بىرىنچى قەدەم: بىز ئادەتتىكى دائىملىق ئۇسلۇبتىكى گىرىم قىلىدىغان بولغاچقا، كۆز قۇيرۇق قىسمىنى ئازراقلا كۆتۈرسەك بولىدۇ؛ ئەگەر بەك ئىگىز كۆتۈرۈۋەتسەك، "كۈل قىز"نىڭ ئۆگەي ئاپىسىغا ئوخشاپ قالىمىز.
   ئىككىنچى قەدەم: توپا رەڭ تۈرىدىكى كۆز ساھيىسى تاللىساق بولىدۇ؛ سۇس قۇڭۇر رەڭلىك كۆز ساھيىسىدا تەگلەپ، قىزىل قوڭۇر رەڭدە رەسىمدىكى يۇمىلاق نوقتا ئورنىدىن كەينىگە قاراپ بويايمىز، كۆز قۇيرۇق قىسمىنى ئازراق ئۈستىگە كۆتۈرىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەم: قېنىق قوڭۇر رەڭدە كۆز چاناقلىرىنى بويايمىز، دائىرىسى ئادەتتىكىدىن چوڭراق بولىدۇ؛ ئەڭ سۇس رەڭدە كۆز بۇرجىكىنى پاقىرتىمىز، پاقىرتىش دائىرىسى كۆزىمىزنىڭ ئىچكى قىسىم بۇجىكىدىن بۇرۇن سۆڭىكىگىچە بولسا بولىدۇ.
   تۆتىنچى قەدەم: كۆز چانىقىنى ئۆزىمىز خالاپ، كۆتۈرسەكمۇ ياكى كۆتۈرمىسەكمۇ بولىدۇ، پەقەت تۆۋەنگە ساڭگىلاپ كەتكەن كۆز چانىقى سىزىپ قويمىساقلا بولىدۇ؛ يالغان كىرپىك چوقۇم بولمىسا بولمايدۇ، چۈنكى ھەقىقى كىرپىكتىن بۇ خىل ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيمىز.
   بەشىنچى قەدەم: كۆز گىرىمى ئاياغلاشقاندىن كىيىن، تىرە رەڭگىمىزدىن بىر نۇمۇر ئالدىنقى رەڭدىكى نۇقسان يېپىش ئاقارتىش مېيىنى كۆز ئاستى قاپاققا مۇۋاپىق مىقداردا سۈرۈپ، قولىمىز بىلەن ئاستا ئۇرۇپ سۈمۈرتۈپ بىرىمىز؛ بۇنىڭدا ياش ئېرىقچىسىنى يۆگەش ۋە ئاستى قاپاقنى پاقىرتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
   ئالتىنچى قەدەم: قاڭشار مېيى سۈرىگەن ۋاقىتتا ئاستىدىن ئۈستىگە بىر سىزىق بويىچە سۈرىۋەتمەي، قاڭشىرىمىزنىڭ ئوتتۇر قىسمى ۋە بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىغىلا سۈرىسەك بولىدۇ.
   يەتتىنچى قەدەم: ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان شاپتۇل چىچىكى رەڭگىدىكى (豆沙粉) لەۋ سۇرۇخىنى تاللاپ، ئۇنى كالپۇكىمىزغا تۇلۇق سۇۋاپ چىقساق، ناھايىتى مۇلايىم بىر تۇيغۇ بىرىدۇ.
  ئۆزى ئاددى بولغان ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبىدىكى گىرىم قىلىش ئۇسۇلىمۇ بۇ يەرگە كەلگەندە ئاخىرلاشتى.  كۆز گىرىمى قىلىش ماھارىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، گىرىمىمىز ئۈچۈن ئۆزگىچە ئۇسلۇپ يارىتىپ چىقىشقا بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号