ئاياللار بالا چۈشۈرگەندىن كېيىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 23964:ئادەم ئۆگەندى
قان كىتىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش
   بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، سىرتقى جىنسى ئەزادىن قان كېتىش ئادەتتە بىر ھەپتە ئىچىدە داۋاملىشىدۇ؛ ئەگەر بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە ھەمدە مىقدارى كۆپ بولۇش، قورساق ئاغرىش، قىزىش، ئاق خۇن غەلىتە پۇراقلىق كىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ  قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك.
كۆپىيىش ئەزالىرى ساغلاملىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش
   بالا چۈشۈرگەندىن كېيىن، بەدەندىكى پۈتكۈل ياكى قىسمەن كۆپىيىش ئەزالىرىدا، كېسەللىك باكتېرىيەلىرىگە قارىتا قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئاسانلا بالىياتقۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى قاتارلىق قىسىملارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
قايتا ھامىلدار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   نۇرغۇن ئاياللار، بالا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى بىخەتەر دەپ قاراپ، بالا چۈشۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە قايتىدىن ھامىلدار بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىپ، بەدىنىگە تېخىمۇ چوڭ زىيان-زەخمە ئېلىپ كېلىدۇ.
تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش
   بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئاز دېگەندىمۇ 3-2كۈن كارىۋاتتىن چۈشمەي ئارام ئېلىش لازىم، قاتتىق ھەرىكەت قىلىشقا ۋە سوغۇق خام يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە بولمايدۇ.
ئۇزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش
   بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق تۈردە كۆپەيتىپ، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. بۇنىڭدا، زەخمىگە ئۇچرىغان ئەزارلارنىڭ بالدۇر ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. ئادەتتە، بېلىق تۈرى، گۆش تۈرى، تۇخۇم تۈرى، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى ۋە ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسەك بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号