سىز قېرىپ كېتىشتىن قورقامسىز؟ ھامان بىر كۈنى، بىز ھەممىمىز قېرىپ تىرىلىرىمىز قولىشىپ كېتىدۇ. لېكىن 80ياشقا كىرىپ قالغان بىر موماي، گەرچە چاچلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا لاتاپەتلىك ھەم نەپىس ياشاۋاتىدۇ. تۆۋەندە، بىز بۇ موماي بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
روسىيەلىك موماي دالىيا پۈتكۈل ئۆمرىنى ناھايىتى نەپىس ياشاپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ھازىر 80ياشتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھەر كۈنى چىرايلىق گىرىم قىلىپ ۋە ياسىنىپ، ھەر بىر تال چاچلىرىنى تولۇق تۈزەشتۈرۈپ ئاندىن ئىشىكتىن چىقىدۇ.
دالىيا، زىيالى ئەدىب ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كىچىكىدىنلا لاتاپەتلىك ھەم سالماق مىجەز-خاراكتېر يېتىلدۈرگەن. ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش جەھەتتە، 80يىلنى خۇددى بىر يىلدەك ئۆتكۈزگەن؛ ئۇ ھازىرمۇ بەدىنى ياشلارنىڭكىدەك بىجىرىم ھەم تىك، كۆز-قۇلاقلىرى نورمال ياشىماقتا.

دالىيانىڭ نەزەرىدە، ئىشىكتىن چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىش، باشقىلارغا قىلىنغان بىر خىل ھۆرمەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەمگە نىسبەتەن سىرتقى ئوبرازىلا ئەمەس، ئىچكى دۇنياسىنى موللاشتۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىزگە ئوخشاش بولمىغان بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر، چوقۇم تۇرمۇشقا قارىتا قىزغىنلىققا تولغان، كەلگۈسىگە قارىتا گۈزەل ئۈمىدلەرنى باغلىغان، كۆكسى قارنى كەڭرى كېلىدۇ.
دالىيانىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر، مەيلى تۇغقانلىرى بولسۇن ياكى دوستلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار دالىيانىڭ شۇنچە يىلدىن بىرى بىرەر قېتىم ئاچچىقلانغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان. بۇ نېمە دېگەن تەس ئىش ھە؟ بىز ھەممىمىز ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان كەچمىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىمىز، لېكىن دالىياغا ئوخشاش بۇنداق ساپا دەرىجىسىگە يەتكەن كىشىلەرنى ئۇچراتماق ھەقىقەتەن تەس.
دالىيانىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆيىدە نەچچە تال مۈشۈك بېقىپ كۈنلىرىنى كىچىك جانلىقلار بىلەن ھەلەك قىلىپ ئۆتكەن. يىللار ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرىيىنى ۋە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتكەن، ئەمما دالىياغا تەۋە بولغان ساپا بىلەن لاتاپەتنى ئېلىپ كېتەلمىگەن. ئۇنىڭ ساپاسى ۋە لاتاپىتى، خۇددى ئانىدىن تۇغۇلما كەلگەنگە ئوخشاش، ئۇنىڭ پۈتكۈل جىسمىغا سىڭىپ كەتكەن.
گۈزەل نازىنىنلارمۇ يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھۆسنىدىن قالىدۇ، لېكىن ئايال كىشىنىڭ لاتاپىتى مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.