تېرىنى ياخشىلايدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 26937:ئادەم ئۆگەندى
   ئادەمنىڭ يۈز تېرىسى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، بىزنىڭ ياخشى ئاسرىشىمىزغا موھتاج. تۆۋەندە، ئادەتتىكى كۈندىلىك تېرە ئاسراشتىن باشقا، بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تېرىنى ياخشىلايدىغان باشقا تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
سۇنى كۆپ ئىچىش
   سۇ، مىتابولىزىمنى تېزلىتىدىغان بولۇپ، سۇنى كۆپرە ئىچىپ بىرىش تېرىگە پايدىلىق؛ لېكىن، چاي، قەھۋە، ئىچىملىك، سۈت چاي قاتارلىقلار بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس.
بالدۇر ئۇخلاش
   بالدۇر ئۇخلاش، ئالى دەرىجىلىك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشقا شارائىت يار بەرمەيدىغان ئاياللارنىڭ تېرە ئاسراشتىكى گۆھىرى. شۇڭا، كەچلىكى كارىۋاتقا چىققاندا يانفون ئوينىماي، بالدۇر ئۇخلاش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم
   ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىش، قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغانغا باراۋەر؛ شۇڭا ياز كۈنلىرى كۈنلۈكنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاستە كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
كۆپرەك ھەرىكەتلىنىش
   ھەر قېتىم ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ تېرىسىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ يوق؟ بىر ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قېتىم تەرلىگۈدەك ھەرىكەت ئىشلەپ بەرسىڭىز، تىرىڭىز توخۇ تىرىسىدەك يۇمران بولۇپ كېتىدۇ.
قەنت يىيىش خۇمارىنى تاشلاش
   تىرىگە دانىخورەك چىقىپ بەدەننىڭ سەمىرىپ كېتىشى، قەنت سەۋەبىدىن بولىدۇ. شۇڭا تاتلىق يېمەكلىك خۇمارىنى تاشلاش كېرەك.
يۈزنى قالايمىقان سىيلىماسلىق
   ئادەمنىڭ قولىدا باكتېرىيە بەك كۆپ، شۇڭا ئادەتتە يۈزىمىزنى قالايمىقان تۇتۇۋەرمەسلىكىمىز لازىم.
مېۋە-چىۋىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش
   مىۋە-چىۋە تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار بولۇپ، كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە تېرىگە پايدىلىق رول ئوينايدۇ؛ لېكىن، قوغۇن-تاۋۇز دېگەنگە ئوخشاش قەنت مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئاپلىسىن، ئالما، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号