ئاياللار كۈندە بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 13700:ئادەم ئۆگەندى

 سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى چېكىنىش تىپىدىكى بوغۇم كېسەللىكلىرى بولۇپ، كۆپىنچە ئاياللاردا كۆرىلىدۇ. ئۇ بوغۇم ئەتراپىنىڭ ئاغرىشىنى ۋە ئىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپ ھاللاردا قول،يانپاش، تىز قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆرىلىدۇ. 50 ياشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كىشىلەر ئىچىدە بەشتىن بىر قىسىمى مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. يېرىم ساندىكى ياشانغانلار (80 ياشتىن ئاشقانلار) بۇ كېسەلنىڭ ئازابىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ياش توپى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار دائىم سۈت ئىچىپ بەرسە، تىز سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. شۇڭا ئاياللارغا ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش تەكلىپىنى بېرىمىز.
ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان سۈتنى قانداق تاللاش كېرەك؟
بازارلاردىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، قايسى خىل سۈت ئۆزىمىزگە ئەڭ بەك ماس كېلىدۇ؟ بۇنى ئۆزىمىزنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىمىزغا قاراپ بېكىتكىنىمىز ئەڭ ياخشى.
1. ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋە بالىلار: تولۇق قايماقلىق سۈت
تولۇق قايماقلىق سۈت، ئەڭ يۇقۇرى چەكتە كالا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ياغدا ئېرىشچان ۋىتامىن A،D،E،K لار ئىنتايىن مول ھەمدە تەبىئىي كالىتسىي ماددىسى بار بولۇپ، بەدەنگە كالىتسىينىڭ سۈمۈرلىشىگە پايدىلىق.
بەزى كىشىلەر تولۇق قايماقلىق سۈتنى ئىچىۋەرسەك ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئارتىپ كېتەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھەر 100 گىرام تولۇق قايماقلىق سۈتتە ئاران 3 گىرام ئەتراپىدا ماي بولىدۇ. ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋە بالىلار بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ.
2. ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار: ۋىتامىن AD ئاشۇرۇلغان سۈت
ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ سۈمۈرلۈش ئىقتىدارى نىسبەتەن ناچار بولغاچقا، كالتىسىي ئېقىپ كېتىش ۋە ۋىتامىن كەملىك ئەھۋالى بىرقەدەر روشەن بولىدۇ. جۇڭگولۇقلاردا ئومومىيۈزلۈك ۋىتامىن A كەم. ۋىتامىن AD ئاشۇرۇلغان سۈت، ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن D نى ئەڭ ئەرزان ۋە ئەڭ قولاي تولۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ بىرى. ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار مۇۋاپىق تاللاپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
يۇقۇرى خولېستىرىنلىق ۋە تەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش كېرەك بولغان كىشىلەر: تۆۋەن قايماقلىق سۈت
يۇقۇرى خولېستىرىنلىق ۋە تەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش كېرەك بولغان كىشىلەر توپى ياغلارنى زىيادە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. ياغسىزلاشتۇرۇلغان سۈت ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياغسىزلاشتۇرۇلغان سۈت ئىسسىقلىقنىمۇ كونترول قىلالايدۇ.
4. قەرەلسىز سۈت ئىچىدىغان كىشىلەر: يۇقۇرى تېمپىراتۇرىدا مىكروپسىزلاندۇرۇلغان سۈت
يۇقۇرى تېمپىراتۇرىدا مىكروپسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ ۋىتامىننى يوقىتىش نىسبىتى پاستېرىزاتسىيەلەنگەن سۈتكە قارىغاندا كۆپرەك، ساقلاش مۇددىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا قويۇپ ساقلىغىلى بولىدۇ. بىراق ئېغىزى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى توڭلاتقۇدا ساقلاپ تېزراق ئىچىپ تۈگىتىڭ.
5. كۈندە سۈت ئىچىدىغان كىشىلەر: پاستېرىزاتسىيەلەنگەن سۈت.
پاستېرىزاتسىيەلەنگەن سۈت، تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا مىكروپسىزلاندۇرۇپ، سۈتتىكى كۆپ قىسىم ئوزۇقلۇقلارنى ساقلاپ قالغان. لېكىن ساقلاش مۇددىتى نىسبەتەن قىسقا، تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا ساقلاش كېرەك. كۈندە سۈت ئىچىدىغان كىشىلەر ئاز مىقداردا، كۆپ قېتىم يېڭى سۈتلەرنى سېتىۋېلىپ ئىچسە ياخشى.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号