مەدىنيەت سەۋىيسى: ئوتتۇرا تېخنىكوم
شىنجاڭ قۇتئال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتنىڭ دېرىكتورى، مۇلازىمەت ئۇقۇتقۇچىسى ،
شىنجاڭ يىمەك ئىچمەك ساھەسىدە كۆزگە كۈرۈنگەن مۇلازىمەتچى تەربىيلەش ئۇستازى
1987-10-13 كۈنى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسدا تۇغۇلغان.
1993-يىلىدىن 2002- يىلىغىچە باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز مائارىپ تەربىيەسىدە بولغان .
2002-يىلىدىن 2005- يىلىغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىدە ئۇقۇغان .
2005- يىلى شىنجاڭ باھادىر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ، قارمىقىدىكى باھادىر كەسپى تەربىيلەش مەكتىپىكە كەلگەندىن كىيىن باھادىر سۇدا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پەرھات ئىدىرىس ، ۋە ھازىرقى شىنجاڭ قۇتئال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىللىرى ، شۇ چاغدىكى باھادىر كەسپى تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ ئىقتىدارلىق ئۇستازلىردىن بولغان ، تۇرسۇنجان مۇئەللىم بىلەن شەرۋانە خانىمنى ئۈزىگە ئۇستاز تۇتۇپ ئۇستازلارنىڭ تەلەپچانلىق بىلەن ئەتىراپلىق يىتەكلىشى ھەم ئۈزىنىڭ مۇلازىمەت كەسپىگە بولغان ئوتتەك قىزقىشى تۈرتكىسدە، جاپاغا چىداپ تىرشىپ ئۆگىنىپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن
بۇ جەرياندا باھادىر مىزلىك تائاملار شەھەرچىسىدە مۇلازىمەتچى ، تاماق تۇشۇغۇچى ، سىمىنا باشلىقى ، مۇلازىمەت يىتەكچىسى ، باش ئىش باشقۇرغۇچى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ، كىيىن خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرلىشىگە ئاساسەن باھادىر غەرىپچە تاماقخانىىسىدا مۇلازىمەت ئۇقۇتقۇچىسى ، ئالدى زال دىرىكتۇرى ، باھادىر قەھۋەخانىسىدا مۇلازىمەت ئۇقۇتقۇچىسى ، ئالدى زال دىركتۇرى ، باش دىرىكتۇر ، باھادىر چايخانىسىدا باش دىرىكتۇر ، باھادىر ساماۋەر شورپا شەھەرچىسىدە باش دىرىكتۇر ، لىدىر ياردەمچىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ،
باھادىر سودا چەكلىك شىركىتىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇستازلارنىڭ قوللىشى تۈرتكىسىدە تەكلىپ بىلەن كۇچا خانكۆۋرۈك رېستۇرانى ، ئۇنسۇ ناۋا رېستۇرانى، ئاقسۇدىكى ئاستانە رېستۇرانى ، دولان دىيار رېستۇرانى ، شەبنەم خوگوخانسى ، تۈگمەن خوگوخانسى قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇلازىمەتچى تەربىيلەش تەرتىپكە سېلىش، قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. تېخىمۇ كۆرىنەرلىك بولغىنى ئۇستازلارنىڭ يىتەكلىشى نەتىجىسىدە باھادىر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا، شىنجاڭ بۇيچە تۇنجى 4S ئۆلچەملىك ئاشخانا قۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
2014- يىلى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كەسپى جەھەتتىن تېخىمۇ تەرەققى قىلىش ئىستىكىدە، ئۇستازلىرىدىن تۇرسۇنجان مۇئەللىم بىلەن شەرۋانە خانىم قۇرغان قۇتئال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەن.
ئالىمجان تۇراق قۇتئال شىركىتدە شىركەت دىرىكتۇرى ،مۇلازىمەت ئۇقۇتقۇچىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن ئوستازلاردىن ئۆزلۈكسىز بىلىم ئالسا بىر تەرەپتىىن ئۇستازلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ كۆلەملەشكەن يىمەك ئىچمەك كارخانىللىرىدىن ئۇنسۇ زۇلئاي غەرىپچە تاماقخانىسى ،
بۈگۈر ئالتۇن دىيار تېز تاماقخانسى ،ئاقسۇ قۇمبالىق تائاملار سارىيى، يىۋۇ ياسىنجان ئالاھىدە كاۋاپلىرى ئۇچتۇرپان ئالتۇن قازان تائاملىرى ، قەشقەر خان جەمەتى قەھۋەخانسى ،ئۈرۈمچى شىنخۇا جەنۇبى يۇلى سالمان قەھۋەخانسى ، بېيجىڭ يۇلى سالمان تائاملار سارىيى ، ئاقسۇ ئىناق ئائىلە تائاملىرى ، ئاقسۇ سۇمرۇغ رېستۇرانى ، ئاقسۇ ۋىسال رېستۇرانى، باھادىر سودا چەكلىكشىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى رۇم قەھۋەخانسى ، ئاۋات دولان قۇملۇق ساياھەت سەيلىگاھى قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇلازىمەتچى تەربىيلەش ، مالىيە سېستىمىسنى رەتكە سېلىش ، كارخانا قائىدە تۈزۈملىرىنى بىكىتىش ۋە ئەمىلىلەشتۈرۈش ، بازار ئېچىش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش ئىچكى قۇرۇلما تەرتىپىنى رەتكە سېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىپ كەڭ يىمەك ئىچمەك خارخانىللىرىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن
ئالىمجان تۇراق مول بولغان كارخانا باشقۇرۇش ۋە تەربىيلەش تەجىربىسىگە ئىگە بولسىمۇ قىلچە بوشاشماستىن ئۈزىنىڭ يۈكسەك ئارزۇسى بولغان مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرشۋاتدۇ

br>

br>