تۇرسۇنجان مۇئەللىمنىڭ تەرجىمھالى
شىنجاڭ قۇتئال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتنىڭ قۇرغۇچسى
ئاتامان تائاملىرى تاماقخانسنىڭ قۇرغۇچسى
قۇتئال تور دەرىسخانسنىڭ قۇرغۇچسى
ئالى دەرجىلىك كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى
شىنجاڭدا كۆزگە كۆرۈنگەن دېرىكتور تەربىيەلەش ئۇستىسى
تۇرسۇنجان مۇئەللىم 1976-يىلى يېڭسار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلدىن 1991-يىلغىچە باشلانغۇچ، تولۇقسىز مەكتەپ تەربىيسدە بولغان 1991-يىلدىن 1994-يىلغىچە قەشقەر سىپەن شۆيەننىڭ سىياسى قانۇن كەسپىنى ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن 1994-يىلدىن 1999-يىلغىچە 5يىل مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى بولغان. تۇرسۇنجان مۇئەللىم ئۆزنىڭ كۈچلۈك ئىگلىك تىكلەش ئارزۇسى بىلەن ئوقۇتقۇچلىق خىزمىتدىن ئىستىپا بېرىپ تەجىربە توپلاش مەخسىتدە 1999-يىلدىن 2015-يىلغىچە شىنجاڭدىكى داڭلىق زەنجىرسمان يىمەك -ئىچمەك شىركەتلىردە 16يىل رېستۇران،تىز تاماقخانا،غەرىپچە تاماقخانا،تاللا تاماقخانا،خوگوخانا،چايخانا،مۇزكىلىقتاماقخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس باش دېرىكتورلىق ۋەزىپىسنى ئۆتگەن،بۇ جەرياندا شىركەت قۇرۇش تەرەققى قىلدۇرۇش،كوللىكتىپ يېتەكلەش،ماركا يارتىش،سېتىش ماھارتى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتى،شىركەت كەلگۈسنى پىلانلاش قاتارلىق جەريانلاردا تەربىيلىنىش،ئىزدىنىش باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن ۋەمول كارخانا باشقۇرۇش تەجىربىسگە ئېرىشكەن. تۇرسۇنجان مۇئەللىم كۈچلۈك ئىگلىك تىكلەش ئارزۇسنىڭ تۈرۈتكىسدە بىرتەرەپتىن كارخانا ئورۇندا ئىشلەپ تەجىربە ئالماشتۇرغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئايالى شۇنداقلا ئۆزنىڭ كەسپى ھەمرايى، شاگىرتى شەرۋانە خانىم بىلەن ئىككىسنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمىلى تەجىربىللىرگە ئاساسەن قۇتئال ماركىسنى قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرۇپ شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ يىمەك -ئىچمەك كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلكنى ئاساس قىلدىغان شىركەت قۇتئال خەلقئارا سودا شىركىتنى قۇرۇپ چىققان ، شىركەت قۇرۇلۇپ قىسقىغنە يەتتە يىل جەرياندا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىردا 200مەيداندىن ئارتۇق چوڭ -كىچىك تىپتىكى لىكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسغا ئېرىشكەن ئۇنۇڭدىن باشقا 31قارار قالتىس دېرىكتور تەربىيەلەش كۇرسنى ئېچىپ 500دىن ئارتۇق دېرىكتورلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ يىمەك -ئىچمەك كارخانىللىرغا بىر كىشلىك ھەسسىننى قوشۇپ كارخانچىلارنىڭ ياخشى باھاسغا ئېرىشكەن، داۋاملىق تۈردە 100دىن ئارتۇق يىمەك- ئىچمەك كارخانىللىرغا مەسلىھەتچىلىك قىلىپ، 10مىڭدىن ئارتۇق خادىملارنى تەربىيەلەپ يىمەك-ئىچمەك كارخانىللىرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش جەھەتتە ئاساس سېلىپ كارخانچىللىرمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشغا ئېرىشكەن.تۇرسۇنجان مۇئەللىم ئايالى شەرۋانە خانىم بىلەن 2015-يىلى ئاقسۇ خەلىق رادئىو ئىستانسىسنىڭ ھەمراھ پىروگىراممىسنىڭ سىزمۇ پۇل تاپالايسىز سەھىپىسگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئەر -ئايال ئىككەيلەننىڭ ئىگلىك تىكلەش تەجىربىسنى ئاڭلىغۇچلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئىگلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچلارنىڭ ياخشى باھاسغا ئېرىشكەن 2016-يىلى ئوقۇغۇچلارنىڭ پاراكتىكا بازسى كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇقنى توشقۇزۇش ئۈچۈن ئايالى شەرۋانە خانىم بىلەن ئاتامان ماركىسنى قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرۇپ ئاتامان تائاملىرى تاماقخانسنى قۇرۇپ چىققان ھەم ئاتامان ماركىسنى قىسقا ۋاقىت ئىچدە كەڭ خەلىق ئاممىسنىڭ ئالقىشغا ئېرىشتۈرگەن.تۇرسۇنجان مۇئەللىم ئايالى شەرۋانە خانىم بىلەن 21يىللىق ئەملى خىزمەت تەجىربىسىگە ئاسەسەن يىمەك-ئىچمەك ساھەسدىكى كارخانچىلارنىڭ ۋاقىت چىقرالماسلىقتەك قىيىنچىلقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈچ يىل ئىزدىنىش جاپالىق تەييارلىق قىلىش ئارقلىق قىسقا ۋاقىت ئىچدە بىرلا ۋاقىتتا تېخمۇ كۆپ يىمەك -ئىچمەك كارخانىللىرنىڭ تەرەققىياتغا ياردەم بېرىش مەخستىدە 2020-يىلى 2-ئايدا قۇتئال تور دەرىسخانسنى روياپقا چىقاردى تۇرسۇنجان مۇئەللىم بۇ جەريانلاردا نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ قەتئى باش ئەگمەي ئۆزى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرگەن يىمەك -ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن توقتاۋسىز ئىزدىنۋاتدۇ ھەم ئۆگۈنۋاتدۇ

br>