يىمەك - ئىچمەك كەسپى دېرىكتۇرى ، يېشى ئەڭ كىچىك تەربىلەش ئۇستىسى « خالىدە خانىم » نىڭ تەرجىمھالى
كەسپى : يىمەك - ئىچمەك كەسپى دېرىكتۇرى ، تەربىيلەش ئۇستىسى
خالىدە خانىم 1991- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى ئاقسۇ شەھرى بەشتۈگمەن يېزىسى دېھمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغاندىن كىيىن ئاتا ئانىسىنىڭ قوللىماسلىقى ( گازىر ياغىچى بادىر بولماس ، دېھقان بالىسى كادىر بولماس دىگەندەك سەپسەتىلەر تۈپەيلى ) ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان . ئۆزىنىڭ بىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ئۇنى كىچە كۈندۈز ئۆگىنىشكە ، ئىزدىنىشكە ئۈندىگەن . 2007- يىلى ئۇ كەنىت رەھبىرى كادىرلارنىڭ يول يۇرىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە « شىنجاڭ باھادىر سودا چەكلىك شېركىتى » قارمىقىدىكى « باھادىر كەسپى تەربىلەش مەكتىپى » گە ئوقۇشقا كىرگەن . مەكتەپتىمۇ ئۆگۈنۈش ئىپادىسنىڭ ياخشىلىقى ، تىرىشچانلىقى ، تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ ياخىشىلىقى ۋە ئۆزىگە خاس يېقىشلىق مىجەز خاراكتىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىللىرى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن . مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كىيىن « شىنجاڭ باھادىر سودا چەكلىك شېركىتى » قارمىقىدىكى « باھادىر مىزلىك تائاملار شەھەرچىسىى» دە پىراكتىكا قىلغان . پىراكتىكا ۋاقتى توشقاندىن كىيىن ، شېركەت قارمىقىدىكى « باھادىر غەرىپچە تاماقخانىسىى» غا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان . ئۇنىڭ مۇلازىمەت كەسپى ھاياتى ئەنە شۇ يەردىن باشلانغان . ئۇ شېركەت لىدىرى ، ئۇستازى پەرھات مۇئەللىم ، يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ۋە كەسىپتىكى ئۇستازى شەرۋانىگۈل مۇئەللىمنىڭ ئىزچىل قوللىشى ، رېغبەتلەندۈرىشى ، ۋە ئۆز تېرىشچانلىقى ، ھەم ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۆۋەندە مۇلازىمەتچىلىكتىن مىھمان باشلىغۇچى ، تاماق تېزىملىغۇچى ، مۇلازىمەت يىتەكچىسى ، سېمىنا باشلىقى ، ئالدى زال باشقۇرغۇچى ، كاندىدات دېرىكتۇر ۋە دېرىكتۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .
2012- يىلى مۇھىت ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ، « شىنجاڭ ئارچىن يىمەكلىك سودا چەكلىك شېركىتى » نىڭ لىدىرى ھەنىپە خانىمنىڭ قوللىشى ۋە سەھنە ھازىرلاپ بىرىشى نەتىجىسىدە ، باش دۇكان « ئارچىن غىزالىق چايخانىسى » دا باش دېرىكتۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈتەپ مۇۋەپپىقيەتلىك تەرتىپكە سالغان ۋە دىيارىمىزدىكى ئوخشاش كەسىپتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن .
ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن 2014 - يىلى 4 - ئايدا « ئۆز يول مۇلازىمەت كەسپى تەربىلەش مەركىزى » نامى بىلەن ئىش باشلاپ ، يىگىرمىدىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى يىمەك - ئىچمەك كارخانا ئورۇنلىرىنىڭ ئالدى سەپ خىزمەتچىللىرىنى تەربىلەپ رەتكە سېلىش ، ۋە باشقۇرۇش ئشلىرى بىلەن شوغۇللانغان . ئۇ كەسىپتە تەرەققى قىلىش ئۈچۈن ئۇنۋىرسال بىلىم ئىگەللەشنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ ، داڭلىق ئۇستازلاردىن جەمىيەتشۇناسلىق ، ئېقتىسادشۇناسلىق ، پېسخولوگىيە ، ۋە كارخانا باشقۇرۇش ئىلىمىدە تەلىم ئالغان .
ئۇ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگۈنۈپ ، جەمىيتىمىزدىكى چىقىش يۇلى تاپالماي تېڭىرقاپ قېلىۋاتقان ياشلارنى دۆلەتنىڭ ئىلغار سىياسەتلىرىنى ئۆگۈنۈپ ئىگىلىك تىكلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، جەمىيەتنىڭ ئىشسىزلىق بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە بىر كىلشلىك ھەسسىنى قوشقان ھەم ياشلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ باھالانغان . ئۇ يەنە شۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماستىن جەمىيتىمىزدىكى ، بىر قىسىم ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم قىلىپ ئۇلارغا مۇۋەپپىقيەتلىك نىكاھ ئىگىلىگى قانداق بۇلىدۇ ؟ قانداق قىلغاندا ئەر - ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ ؟ دىگەندىن ئىبارەت قارىماققا ئاددى ئەمما ماھىيەت جەھەتتىن تولىمۇ مەسئۇليىتى ئېغىر بولغان تېما ئۈستىدە مەسلىھەت بىرىپ ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىپ بەخىتلىك ئائىلىسىنى بەرپا قىلىشىغا ۋە يىتىم بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان نارسىدىلەرنىڭ يىتىم بۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا زور ياردەملەرنى قىلىپ خەلقنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن .
ئۇ بىر تەرەپتىن يىمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ( مۇلازىمەتچى ، تاماق تىزىملىغۇچى ، قۇشۇمچە سىمنا باشلىغى ، سىمىنا باشلىغى ۋە مۇئاۋىن دېرىكتۇر ) تەربىلەش ۋە بىر تەرەپتىن ئۆزلۈگىدىن ئۈگۈنۈپ شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتى تىل ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئالى تېخنىكۇم ئىمتاھانىغا جىددى تەييارلىق قىلماقتا .
كۈچلۈك ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بىلەن توختىماي تېرىشىپ ، شىنجاڭدىكى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق پىروففىسور ۋە داڭلىق كارخانچىلارنىڭ تەربىيسىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە مۇلازىمەت كەسپى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەن . ئۇ يەنە داۋاملىق ، شېركەت قۇرۇش ، تەرەققى قىلدۇرۇش ، كوللىكتىپ يىتەكلەش ، ماركا يارىتىش ، سېتىش ماھارىتى ، رەھبەرلىك سەنئىتى ۋە شېركەت كەلگۈسىنى پىلانلاش جەھەتتە ، تەربىلىنىش ۋە ئىزدىنىش بىلەن شۇغۇللىنۋاتىدۇ . ھەم شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جانلىقلىقى ۋە نۇتۇق قابىليىتىنىڭ ياخشى بۇلۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلنىپ ، چوڭ تىپتىكى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى مەدەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ رىياسەتچىلىگىنى قىلىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغاندىن سېرىت ، شىنجاڭ زەپەر سودا چەكلىك شېركىتى كۇچا زەپەر چاي تائاملار ساياھەت سارىيى يىمەك ئىچمەك مۇلازىمەت بۈلىمىدە باش دېرىكتۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈتەۋاتىدۇ ، ھەم ئۆز ماركىسىنى تۇنۇتۇش ۋە كارخانىسىنى مۇۋەپپىقيەتلىك قۇرۇپ چېقىش ئۈچۈن ، داۋاملىق تېرىشماقتا ۋە ئىزدەنمەكتە …

br>

br>

br>

br>