كەسپىي تارىخىي ؛13يىل
كەسپىي ئالاھدىلكى ؛يىمەك -ئىچمەك ئۇرۇنلىرىنىڭ ئالدى سەپ خىزمىتىنى تەرتىپكە سېلىش ،ئالدى -ئارقا سەپ مۇناسىۋېتىنى ياخشىلاش ،مۇلازىمەتچىلەرنى ئەتراپلىق تەربىيلەش ،ئالدى -ئارقا سەپ بۆلۈم مەسئۇل خادىملىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيلەش ،خىزمەتچىلەرگە مەسلىھەت بېرىش ،بازار ئېچىش مىجەز -خاراكتېرى :ئۇچۇق -يۇرۇق ،ئاخكۆڭۈل ،چىقىشقاق . ئىشتىن سىرتقى :كىتاپ ئۇقۇش ،دۇتتار چېلىش ،بازار ئەھۋالىنى كۆزىتىش ياخشى كۆرىدىغان ئەقلىيە سۆزى :ئۆز قېرىنداشلىرىغا مېھىرلىك قۇلىنى سۇنالمىغان ئىنساندىن باشقا ئىنسانلار ئەقىدە ۋە ياخشىلىق كۈتۈش مەڭگۈ ئارتۇقچە زۆھرە ھۈسەن :1983-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىنىڭ قېيىر يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان يېمەك -ئىچمەك كەسپىگە بولغان ئىشتىياقى ھەم قىزىقىشى تۈپەيلى 2002-يىلىدىن باشلاپ كۆلەملەشكەن رېستۇران تېز تاماقخانا چايخانىلاردا مۇلازىمەتچىلىكتىن ئىش باشلاپ پەللىمۇ پەللە ئۆسۈش ئارقىلىق لىڭبەرلىك ئورنىغا چىققان ئىزچىل تىرىشىش نەتىجىسى ھەم ئۆزىنىڭ ئىش -ھەركەت گەپ -سۆزىنىڭ چاققانلىقى خېرىدارلارغا بولغان ياخشى مۇلازىمىتنىڭ نەتىجىسىدە باشقۇرغۇچىلىق ئورنىغا چىققان باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىدە يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە سىستېمىلىق تەربىيلىنش ئارقىلىق 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى شەھرى ئىتتىپاق يۇلىدىكى مەستانە تائاملىرىغا ئىشقا چۈشكەن ھەم بۇ ئاشخانىدا ئىزچىل 10يىل باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان ھازىرغىچە كۇچا ناھىيەسىدىكى گۈزەل ھايات رېستۇرانى سۈبھى رېستۇرانى ئۈرۈمچىدە مەستانە تاماقخانىسى سىمفونىيە چاي -تائاملىرى يۇرتۇم چاي -تائاملىرى ئاشپەز تائاملىرى قاتارلىق بىر قانچە ئۇرۇنلاردا تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن ھەم خىزمەتداشلىرىنىڭ خوجايىنلارنىڭ خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ھازىر ئۈرۈمچى شەھرى چىيەنتاڭجىياڭ يۇلى دېخۇي بىناسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى بەگتاش تائاملىرىدا تەكلىپلىك باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ

br>

br>

br>