ئۆمەرئەلى
5 يىل ئىلگىرى تەمزات 1380472:ئادەم كۆردى
ئۆمەرئەلى
  • ئىسىم فامىلىسى ئۆمەرئەلى
  • خەنزۇچە يىزىلىشى吾买尔·艾力
  • دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
  • مىللىتىئۇيغۇر
  • يۇرتىشىنجاڭ قاغىلىق ناھىيىسى
  • تۇغۇلغان ۋاقتى1983- يىلى 5 - ئاي
  • كەسپىئاشپەز
  • خىزمەت ئورنىئۈرۈمچى
  • قوشۇلغان ۋاقتى 2020-09-14
  • كۆرۈلىشى 1380472 قېتىم
  • سەھىپە تەۋەلىكى داڭلىق ئاشپەزلەر
  • يوللىغۇچى تەمزات
  • يانفۇن ۋە ئۈندىدار ئەزا بولسىڭىز كۆرەلەيسىز
شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشخانىسى ، ئەگەر مەزكۇر خادىمنىڭ ئالاقە ئۇچۇرى كېرەك بولسا بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئالاقە ئۇندىدار:axpaz712
ئىسىم فامىلىسى- ئۆمەرئەلى
دۆلەت تەۋەلىكى -جوڭگو
مەدەنىيەت سەۋىيسى- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
كەسپىي ئۇنۋانى-ئالىي دەرىجىلىك كەسپى ئاشپەز
خىزمەت تەجرىبىسى- 19 يىل ، 2001- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاشپەزلىك قىلىۋاتىدۇ
كەسىپتىكى ئالاھىدىلىكى- جۇڭگوچە قورۇماقورۇش ، مىللىيچە قورۇما قورۇش ، ئەنئەنىۋى تاماق ، باشقۇرغۇچىلىق ، كەسىپتە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان.
ئۆمەرئەلى ئۇستام 1983-يىلى قاغىلىق ناھىيسىدەتۇغۇلغان، باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، 2001-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك كەسپىگە بولغان قىززىقىشى ۋە ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن، ئۈرۈمچىگە كىلىپ پىشقەدەم ئۇستاملاردىن بۇ كەسىپنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ، 2002 -يىلى شىنجاڭ مېھمانخانىسى ئاشپەز تەربىيلەش مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان. 2004-يىلى2-ئايدا جەۋھەر تىزتاماقخانىسىغا كىرىپ كەسىپكە پىشقان داڭلىق پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ بىرى بولغان نۇرئەلى ئۇستامغا شاگىرىتلىققا كىرگەن ، 2005-يىلى 1-ئايدا نۇرئەلى ئۇستامنىڭ بىرقوللۇق ئۈگىتىشى ۋە يىتەكلىشى بىلەن ئىسسىق سەي قورۇش ۋەزىپىسىنى بەرگەن ، كېيىن يەنە خىزمەتتە ئەستايىدىل ، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپتە تىرىشچان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ 1- ئوچاقتا سەي قورۇش شەرىپىنى بەرگەن. 2010يىلى ئاشپەزلىك كەسپىدە بىلىمىنى ئاشۇرغان، ۋە ئالى دەرىجىلىك كەسپى ئاشپەز ئۇنۋانىنى ئالغان، 2013-يىلى ئۆز ئالدىغا ئاشخانا ئاچقان ، 2015-يىلى تەكلىپ بىلەن خوتەن شەھىرىگە بېرىپ ئۆزى باش ئۇستام بولۇپ يېڭىدىن ئاشخانا ماڭغۇزغان، 2017-يىلى غېزايى جەۋھەر ۋە جەۋھەر تاماقخانىلاردا ئۇستام بولۇپ ئىشلىگەن، 2019-يىلى4-ئايدىن 2020-يىلى4-ئايغىچە رۈيدا سودا سارىيىدا ھەمكارلىشىپ ئاشخانا ئاچقان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ21- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جوڭگۇ داڭلىق ئاشپەزلەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئالاھىدە ئالتۇن مېدال مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ؛ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاشپەزتوربىكىتى ۋە چوڭ ئۇستام تور دەرىسخانا پىروگىراممىسىدا بىر نەچچە خىل قورۇمنى نەخ مەيدان سۈرەتلىك قورۇپ كەڭ خەلىق ئاممىسىغا سۇنغان.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号