ئىسىم فامىلىسى: خالمۇرات قۇربان
دەرىجىسى: دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجە
ئاشپەزلىك تارىخى: 20يىل
ئالاھىدىلىكى: ھەر خىل ئەنئەنىۋى قورۇمىلار، جۇڭگۇ قورۇمىلىرى، ھەر خىل كۆكتات ئويمىچىلىقى
قىسقىچە تەرجىمىھالى
خالمۇرات ئۇستام 1986 -يىلى ئىلى ئوبلاستى توققۇز تارا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، 2000-يىلى توققۇز تارا ناھىيەسىدىكى گوۋپىڭشەن مېھمانسارىيىغا ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئۆگۈنۈشكە كىرگەن، ھەم جاپالىق بەش يىل ھۈنەر ئۆگەنگەن. 2005-يىلى كۈنەس ناھىيەسىدىكى ئاق ماكان رېستۇرانىدا باش ئۇستام بۇلۇپ ئىككى يىل ئىشلىگەن. 2007-يىلى غۇلجا شەھرىدىكى تىيەنما مېھمانسارىيىدا ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك كەسپى بىلىمىنى مۇستەھكەملىگەن. 2009-يىلى كۈنمىڭدىكى ئېلى تاماقخانىسىدا تەكلىپلىك باش ئۇستام بۇلۇپ ئىككى يىل ئىشلىگەن. 2011-يىلى توققۇز تارا ناھىيەسىدە يېشىل قارغاي رېستۇرانىنى ئاچقان. 2012-يىلى قورغاس ناھىيەسىدە ئوردا ئارامگاھىنى رەتكە سېلىپ ماڭغۇزغان. 2014-يىلى قارماي جەرەن بۇلاقتىكى ئۇزۇن سەپەر چاي تائاملىرىدا تەكلىپلىك باش ئۇستام بۇلۇپ بىر يىل ئىشلىگەن. 2015-يىلى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى قەلىپداشلار غىزالىق چايخانىسىدا باش ئۇستام بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2016-يىلى چاپچال ناھىيەسىدىكى جاڭچىڭدوڭ رېستۇرانىدا باش ئۇستام بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2018-يىلى چاپچال ناھىيەسىدىكى ئەل زوق غىزالىق تاماقخانىسىنى ئاچقان. 2019-يىلى پىچانغا بېرىپ دىل ئارام چايخانىسىدا تەكلىپلىك باش ئۇستام بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2020-يىلى دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاشپەزلىك كېنىشكىسنى ئالغان ھەم تۇرپان ۋېلايىتى بۇيىچە داڭلىق ئاشپەز دېگەن شەرەپلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن "شىنجاڭدىكى داڭلىق ئاشپەزلەر" مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۈچىنچى دەرىجىگە ۋە ئالاھىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا، "جۇڭگۇدىكى داڭلىق ئاشپەز" دېگەن شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن.

br>

br>

br>