نۇرمەمەت ئۇستام 1983-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى قەشقەر شەھەر بەشكېرەم يېزىسىدا تۇغۇلغان، يىمەك -ئىچمەك مەدىنىيىتى يەنى ئاشپەزلىك كەسپىگە ئوتتەك قىزىقىش ۋە يىمەك -ئىچمەك مەدىنىيىتىدە ئۇتۇق قازىنىش ئارزۇسى بىلەن 2003-يىلى تۇنجى ئاشپەزلىك ھاياتىنى قەشقەر شەھرى ئالماس رېستۇرانىدا تۇنجى قەدىمىنى مىللىي تاماق بىلەن باشلىغان ۋە ئىككى يىل بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن 2005-يىلى قارىماي شەھىرىگە بىرىپ قارىماي ئالىي مىھمانسارىيىدا جۇڭگوچە قورىما ، دىڭىز مەھسۇلاتلار ۋە ھەرخىل سوغۇق سەيلەرنى تەييارلاشنى ئۈگەنگەن، 2007 - يىلى 5-ئايدا تەكلىپ بىلەن ئۈرۈمچى قارلەيلىسى مىھمانسارىيىدا باش ئۇستاملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2009-يىلى يىل بىشىدىن باشلاپ 2012-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ئاتلان چاي-تائاملىرى سارىيىدا باش ئۇستاملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە چىڭداۋدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن جۇڭگوچە قورىما ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرلىرىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش، تائام مەدەنىيتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش مەقسىتىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ، بىلىم ئالماشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 2015-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ جيېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ، خاڭجۇ شەھىرىدە قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ تەكلىپكە ئاساسەن شاگىرت تەربىيلەپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىي تائاملىرىنى قېرىنداش مىللەتلەرگە ئۆگۈتۈپ ۋە يىڭىلىق تائاملارنى ئۆگۈنۈپ ئۆزئارا دوسلۇق پىكىرى ئالماشتۇرغان .
2019-يىلى 3-ئايدا تەكلىپ بىلەن تىيەنجىن شەھرىگە قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ جىياڭ يۈ فۇ (疆域府) يىمەك-ئىچمەك سارىيىنىڭ باش ئۇستاملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، شۇ جەرياندا تىيەنجىن تېلىۋىزىيە-ئىستانسىنىڭ ئالاھىدە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ شىنجاڭنىڭ مىللىچە تائام مەدەنىيتىنى قېرىنداش مىللەتلەرگە تونۇتقان، 2020-يىلى يىل بىشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تەكلىپ بىلەن ئۈرۈمچى قەسىر ئالىي مىھمانسارىيىنىڭ باش ئۇستاملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈمەكتە.

br>

br>

br>