كەسپى تارىخى: 13يىل
كەسپى ئالاھىدىلىگى: ھەرخىل قورۇمىلار، سوغۇق سەي، مىۋە-كۆكتات ئويمىچىلىقى، مىۋە قىياملىق تەخسە بىزەش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، غەرىپچە تائام قاتارلىقلار
داڭلىق ئاشپەز ئەلقەمجان ئۇستامنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
ئەلقەمجان ئۇستام 1989-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغاندىن كىيىن، 2004-يىلى باي ناھىيىسىدىكى بىر ئارامگاھقا ئاشپەزلىك كەسپىگە شاگىرىتلىققا كىرگەن. بىر يېرىم يىلدىن كىيىن ھۈنىرىنى تېخىمۇ پۇختىلاش مەقسىتىدە شىخەنزە ئالتۇن دىيار رېستۇرانىدا باش پىسەي ئۇستام بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2007-يىلى ئاقسۇ كەسپى ئىنىستوتى ئاشخانىسىدا سوغۇق سەيچى ئۇستام بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2008-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئاشپەزلىك كەسپى مەكتىپىدە ئوقۇپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاشپەزلىك ئۇنۋانى ئالغان. 2009-يىلى تۇمارىس ئالى مىھمانسارىيىدا روزاخۇن يۇنۇس ئۇستامنىڭ تەربىيلىشىدە كەسپىنى تېخىمۇ پۇختىلىغان. 2010-يىلى غەرىپچە تاماق ئۆگىنىش مەقسىتىدە خۇڭسەن يېڭى ئەسىر سودا سارىيىدىكى يىياڭ قەھۋەخانىسىدا غەرىپچە تاماق ئۆگەنگەن. 2011-يىلى دوسلۇق سودا سارىيىدىكى 食点吧يىمەك-ئىچمەك مەيدانىدا بىر يىل غەرىپچە تاماق ئۇستىسى بىر يىل لەغمەن سەي ئۇستىسى بۇلۇپ ئىككى يىل ئىشلىگەن. 2013-يىلى جۇڭگو قورملىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ پۇختىلاش مەقسىتىدە بېيجىڭ يۇلىدىكى چۈەنجىدى مېھمانسارىيىدا بىر يىل ھۈنەر پۇختىلىغان. 2014-يىلى يۇرتىغا قايتىپ مەرھابا مېھمانسارىيىدا بىر يىل شىنجاڭ قورۇمىلىرى ئۇستىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2015-يىلى قۇمۇل ئايروسا غەرىپچە تاماقخانىسى، يېڭى ھايات غىزالىق چايخانىسىدا باش ئۇستام بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2016-يىلى باي ناھىيەسىدىكى لالە-رەيھان رېستۇرانىدا باش ئۇستام بۇلۇپ ئىشلىگەن. 2017-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە قارماي شەھىرىدىكى قەدىمى ساراي مۇزىكىلق چاي-تائاملىرىدا باش ئۇستام ھەم باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەپ كىلىۋاتىدۇ. 2017-يىلى8-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېشىل بەلباغ ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن.
ئارزۇسى: كۆپلەپ ياراملىق شاگىتلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش، جۇڭگو قورۇملىرىنىڭ ماھىيىتىگە يىتىش.
تېلفۇن نۇمۇرى: 18509909941........18699783550
تۆۋەندىكىسى ئەلقەمجان ئۇستامنىڭ خىزمەت ۋە كەسپى سۈرەتلىرى

br>

br>

br>

br>