ئاشپەز سەمەتجان راخماننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
1982-يىلى7-ئاينىڭ12-كۇنى كۇچادا تۇغۇلغان
1997-يىلدىن باشلاپ ئاشپەزلىك كەسپىگە قەدەم قويغان .شۇنىڭدىن ئىتبارەن سەمەت راخمان ئاشپەزلىك كەسپىنى ئوگەندى پىشقەدەم ئۇستازلارنى ئوزىگە ئۇستاز تۇتتى ۋە قېرىنداش مىللەتلەردىن خۇيزۇ، خەنزۇ ئۇستاملارنى ئۇستام تۇتۇپ ئوگەندى .قازدى ،ئوزگەرتىپ ئوزلەشتۇردى ،تەتقىق قىلدى
2005-يىلى توتىنجى دەرىجىلىك ئاشپەزلىك گۇۋانامىسىگە ئىرىشكەن .
2007-يىلى شىنجاڭ پارلاق كەسپى تېخنىكۇمى ئاشپەزلىك كۇرسىدا 3يىل ئۇقۇپ بىلىم ئاشۇرغان ،
2009-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۇنى ئاشپەز تور بېكىتىنى قۇرغان .
2010-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاشپەزلىك جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان .
2010-يىلى ئۇچىنجى دەرىجىلىك ئاشپەزلىك گۇۋانامىسىگە ئىرىشكەن .
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۇنى تائام مەدىنىيىتى تەجىربە ئالماشتۇرۇش سوھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ،ۋەپىشقەدەم ئاشپەز ،ئاشپەزلەر پىشۋاسى يۇنۇس ھەمدۇللا،تۇرسۇن قاسىملارغا تون كەيدۇگەن
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاشپەزلىك جەمىيىتى تەرىپىدىن (团体会员单位) دەپ نام بىرىلگەن
2011- يىلى6-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاشپەزلىك جەمىيىتى تەرىپىدىن شىنجاڭ (新疆名厨) بۇيىچە ئەڭ داڭلىق ئاشپەز بۇلۇپ باھالانغان .
2011-يىلى كۇسەن قوي قۇۋرىغىسى،ۋە كۇچا سۇيۇق ئېشى شىنجاڭنىڭ داڭلىق تائاملىرى بۇلۇپ باھالانغان
2014-يىلى7-ئايدا تائاملارنى تەييارلاش ناملىق توت پارچە رەسىملىك چۇشەندۇرۇلگەن كىتابنى تۇزگەن ۋە نەشىر قىلىنىپ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن
2015-يىلى ئىككىنجى دەرىجىلىك ئاشپەزلىك گۇۋانامىسىگە ئىرىشكەن
2015-يىلى سانجى ئوبلاستلىق ئاشپەزلىك جەمىيىتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان
2015-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان
2016-يىلى كۇندە يېڭى تەم تائام تەييارلاش پىروگىراممىسىنى يولغا قويغان
2017-يىلى كۇندە يېڭى تەم ناملىق DVD پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىنغان ،
2018-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ يىتەكچى سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان
كۇنىمىزدە سەمەتجان راخمان تائام قىزىش،رەتلەش،ۋارىسلىق قىلىش ،يىڭىلىق يارىتىش ۋە تائام مەدىنىيىتىنى ئېلىمىز ۋە دۇنياغا تۇنۇشتۇرۇش –كېڭەيتىش ،تائام ۋارىسلىرىنى تەربىلەش ،ئاشخانا تىجارىتى كەسپى مەسلىھەتچىلىكى يولىدا ئىزدىنۋاتىدۇ، تىرىشۋاتىدۇ

br>

br>

br>