ئاشپەز سەمەت قۇربان ئۇستامنىڭ تەرجىماھالى
ئىسمى: سەمەت قۇربان
يۇرتى: ئۇرۇمچى
يېشى : 62
دەرىجىسى: دۆلەتلىك ئالى دەرىجىلىك ئاشپەز
خىزمەت تەجىربىسى : 35 يىللىق خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە
ئالاھىدىلىكى : يەرلىك ئەنئەنىۋى تائاملار، ھەرخىل قورىمىلار، سوغۇق سەي تەييارلاش، غەرىپچە تائام، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
قىسقىچە تەرجىماھالى: 1958-يىلى ئۈرۇمچى شەھرى شىمىگو رايۇنىدا تۇغۇلغان؛ باشلانغۇچ مەكتەپنى شىمىگو رايۇنىدا، تۇلۇقسىز ئوتتۇرنى ئۈرۇمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇردا ئۇقۇغان. 1982-يىلدىن 1986-يىلغىچە شىنجاڭ ئىجتىمائى ئالى تېخنىكۇمىدا ئەدەبى يىزىقچىلىق كەسپىدە ئۇقۇغان.
1984-يىلدىن 1997-يىلغىچە شىنجاڭ تۇقۇمچىلىق شىركىتى ئورگان ئاشخانىسىدا ئاشپەزلىك بىلەن شۇغۇللانغان. 1998-يىلدىن 2006-يىلغىچە ئۆز ئالدىغا تىز تاماقخانا ئاچقان؛ 2007-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەرەمباغ تاماقخانىسى، ئاقسۇ باھادىر تاماقخانىسى ، ئەلبىك، ئارمان مەركىزى ئاشخانىسى، ۋە شاڭخەي، تىيەنجىن، بېيجىڭ، چوڭچىڭ، چىڭداۋ قاتارلىق شەھەرلەردە ئاشخانا باشقۇرۇش ۋە ئالى مەسلىھەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 2015-يىلىدىن باشلاپ، كەسىپكە بىرلەشتۈرۈپ، تائام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. سەمەت قۇربان ئۇستام، ھازىر شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشپەزچىلىك كەسىپى بويىچە باش مەسلىھەتچى ۋە يىتەكچى ئۇستازلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: كەسىپكە پىششىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، باشقۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى، تەجىربىسى كۆپ، تائام تۈرلىرىگە مول.

br>

br>

br>