ئوسمانجان زاكىر
5 يىل ئىلگىرى تەمزات 1621076:ئادەم كۆردى
ئوسمانجان زاكىر
  • ئىسىم فامىلىسى ئوسمانجان زاكىر
  • خەنزۇچە يىزىلىشى乌斯曼江·扎克尔
  • دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
  • مىللىتىئۇيغۇر
  • يۇرتىئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى
  • تۇغۇلغان ۋاقتى1971 - يىلى 11 - ئاي
  • كەسپىئاشپەز
  • خىزمەت ئورنىئۈرۈمچى ئۆز خاس تائاملىرى
  • قوشۇلغان ۋاقتى 2020-06-15
  • كۆرۈلىشى 1621076 قېتىم
  • سەھىپە تەۋەلىكى پىشقەدەم ئۇستاملار
  • يوللىغۇچى تەمزات
  • يانفۇن ۋە ئۈندىدار ئەزا بولسىڭىز كۆرەلەيسىز
شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشخانىسى ، ئەگەر مەزكۇر خادىمنىڭ ئالاقە ئۇچۇرى كېرەك بولسا بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئالاقە ئۇندىدار:axpaz712
پىشقەدەم ئاشپەز ئوسمانجان زاكىر ئۇستامنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئىسىمى: ئوسمانجان زاكىر
يۇرتى: ئاقسۇ توقسۇ ناھىيەسى
يېشى: 49 ياش
دەرىجىسى: دۆلەتلىك ئالى دەرىجىلىك ئاشپەز
خىزمەت تەجرىبىسى: 30 يىل
ئالاھىدىلىكى: يەرلىك تائاملار، ھەر خىل قورىمىلار، غەربچە تائام، دېڭىز مەھسۇلاتى
قىسقىچە تەرجىمىھالى: ئوسمانجان زاكىر 1971-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيە پەيشەنبە بازار يېزا نۇرلۇق كەنتتە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاشپەزلىك كەسپىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ، تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمەي، ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك ماھارىتى ۋە نەزەرىيە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، 1980-يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ ماھىر ئۇستاملارنىڭ تەربىيىسىدە بولغان. 1997-يىلى ئاشپەزلىك تۈرىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئاشپەز تېخنىكا دەرىجىسىگە ئىرىشكەن. ئۇ ئاشپەزلىك ئەمەلىي ماھارىتى ۋە نەزەرىيە سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، كامالەتكە يەتكەن ئۇستىلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىش مەقسىتىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ مۇنەۋۋەر ئۇستازلاردىن تەلىم ئالغان. 2004-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپى ماھارەتنى باھالاشتا ئالىي ئۇستا تېخنىكا دەرىجىسىگە ئېرىشكەن.
ئوسمانجان زاكىر ئۇستام، ئاشپەزلىك ماھارىتىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق تۇغدۇرۇش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك ماھارىتى ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن، "شىنجاڭ ئالاھىدە قورۇمىلىرى" دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىققان. 2006-يىللىق مەملىكىتىمىز بويىچە ئاشپەزلىك كەسپى ماھارىتىنى باھالاشتا "دۆلەت دەرىجىلىك ئاشپەز"لىك ئۈنۋانى ئېلىپ، شۇ يىللىق مۇسابىقىسىدە ئىككى ئالتۇن مىدالغا ئىرىشكەن.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号