خىزمەت تەجرىبىسى :28يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە
قىسقىچە تەرجىمالى ,پىشقەدەم ئۇستاز،ئەركىن سىدىق 1989—يىلى ئاشپەزلىك ساھەسىگە قەدەم قويغان 。1995—يىلى تەكلىپ بىلەن يېڭى قاشتېشى رېستۇرانىدا ياردەمچى ئاشپەز بوپ ئىشلىگەن،1998—يىلى تەكلىپ بىلەن شاڭخەيدىكى ئالى مېھمانخانىدا باش ئاشپەزلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن،1999—يىلى تەكلىپ بىلەن مايتاغدا چاي تائاملىرىدا باش ئاشپەزلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن،2000يىلى تەكلىپ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ياسىن سەتەڭ تېز تاماقخانىسىدا باش ئاشپەزلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەمدە گۇچۇڭ گۇيروسىنى قورۇپ خېرىدارلارغا ئالاھىدە تونۇتقان ،2003يىلىدىن 2005—يىلىغىچە تەكلىپ بىلەن ئاقسۇدىكى ئەقىدە تېز تاماقخانىسا باش ئاشپەزلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ،2006—يىلىدىن 2010—يىلىغىچە تەكلىپ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇئا نەنلۇدىكى خانتەڭرى تېز تاماقخانىسىدا باش ئاشپەزلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەمدە گەنپەن سومەننى ئۆزى ئىجات قىلىپ كۈنىگە ئالتە خالتا ئۇننىڭ خېمىرىنى ئۆزى قورۇپ ،شىنجاڭدىكى ئاشخانىلەرنىڭ كۈنلۈك گەنبەن سومەن سېتىش رىكوتىنى ياراتقان 。2010—يىلى 10—ئايدىن باشلاپ تەكلىپ بىلەن خوتەن شەھەر ئىچىدىكى جەۋھەر توخو قورۇمىسى ئاشخانىسىدا باش ئاشپەزلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ،2012—يىلى ئۈرۈمچى سەنشىخاڭزىدا ئۆز ئالدىغا ئاشخانا ئاچقان ،2013—يىلى 12—ئايدىن باشلاپ 2017—يىلى 6—ئايغىچە تەكلىپ بىلەن دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئىسرا چاي تائاملىرىدا باش ئاشپەزلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى ئۈرۈمچى

br>

br>

br>

br>