قىسقىچە تەرجىمىھالى : روزى ئوسمان ئۇستام 1991-يىلى 10- ئاپرىل باي ناھىيىسىنىڭ توقسۇن يېزىسى تۆۋەنكى توقسۇن كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن .
1998-يىلىدىن 2006- يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقىغان .
2008-يىلى يانۋاردىن باشلاپ باي ناھىيىسىدىكى مەشرەپ رېستۇرانىغا شاگىرىتلىققا كىرىپ ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ئاشپەزلىك كەسپىنى قېتىرقىنىپ ئۈگەنگەن .
2010-يىلى 10- ئايدىن 2012-يىلى 10- ئايغىچە ئاقسۇ شەھىرىدىكى «لەززەت ئوتۇن كاۋاپلىرى » تاماقخانىسىدا قىيمىلىق تائاملار باش ئۇستىسى بولۇپ تۇرغان .
2012-يىلىدىن 2015- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ھەرقايسى تائام سارايلىرى ، تېز تاماقخانىلاردا ئاق ئەنبەل تۈرلىرى بويىچە ھۈنەر پىشىقلىغان ،ئۆزىنىڭ كېيىنكى نىشانلىرى ئۈچۈن ئاساسىنى پۇختىلىغان .
2015- يىلىدىن ھازىرغىچە تۇمشۇق شەھىرىدە تەكلىپ بىلەن ھەر قايسى چوڭ تائام سارايلىرىنىڭ قىيمىلىق تائام باش ئۇستىسى بولۇپ كەلمەكتە .
2017- يىلى 27-28- مايلار جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنيۈنگاڭ شەھىرىدە خەلقئارا مېھمانساراي ئاشپەزلىك جەمئيىتى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن 5- نۆۋەتلىك «كۆك بەلباغ » خەلقئارا ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پەرمۇدە بىلەن بېلىق كاۋىپىنى ئىلىپ چىقىپ كۆمۈش مىدال ۋە 2- دەرىجىلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئىرىشكەن .
تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق ، قەدىمى ئۇيغۇر قىيمىلىق تائاملار ئۇستىسى روزى ئوسمان ئۇستامنىڭ ئارزۇسى ئۆزىنىڭ خەلق ئىچىدە ھۈنەردە ئاتالغان نامى « روزى بۇرۇت » نى ماركا قىلىپ ، كەسىپتە تېخىمۇ ئىزدىنىپ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ نامىنى مەملىكەتكە ، خەلقئاراغا ياڭرىتىش ...
كەسپى ئالاھىدىلىكى : مىللى تائاملار ئىچىدىكى سامسا ، پەرمۇدە قاتارلىق قىيمىلىق تائاملار ۋە ئاق ئەنبەل تۈرىدە ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك
مەدنىيەت سەۋىيىسى ؛ تولۇقسىز
ئالاھىدىلىكى ؛ چەبدەس ، چىقىشقاق ، ئۈگىنىشچان

br>

br>